ياڭزىجياڭ دەرياسىدىكى پولات ھەسەن - ھۈسەن

1927- يىلى، چەت ئەللىك مەلۇم كۆۋرۈك مۇتەخەسسىسى نەنجىڭدا نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن، نەنجىڭدا كۆۋرۈك ياساش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن. بىراق، 1968- يىلى دەل مۇشۇ «مۇمكىن بولمايدىغان» جايدا، دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئالاھىدە پولات ماتېرىيال بىلەن بىر چوڭ كۆۋرۈك سېلىنىپ، قاتناش باشلاندى.

نەنجىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنى سېلىشقا ئون يىل ۋاقىت كەتتى. 1958- يىلى 11- ئايدا، نەنجىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى ھەيئىتى قۇرۇلدى. 1960- يىلى 1- ئايدا، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ دەريا مەركىزىدە كۆۋرۈك گۇندىسىنى قويۇش قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى سۇ ئاستىغا 60 نەچچە مېتىر شۇڭغۇپ، سۇ ئاستىدا كەپشەرلەش ۋە سۇ ئاستىدا كېسىش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى. 1966- يىلى 4- ئايغا كەلگەندە، دەريا ئىچىدىكى توققۇز كۆۋرۈك گۇندىسىنىڭ ھەممىسى سۇ يۈزىگىچە ياسىلىپ بولدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى مالىمانچىلىق ئەڭ ئېغىر بولغان ۋاقىتتىمۇ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇشى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. 1968- يىلى، چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلدى، قۇرۇلۇشچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، پۈتكۈل شەھەر خەلقىمۇ قىزغىن ياردەم بەردى.

ئەينى يىلىدىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سۇڭ پېيچى مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم چوڭ كۆۋرۈك ئىشچىلىرىنىڭ جاپاسىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. قىشتا، كەڭ دەريا يۈزىدە سوغۇق شامال چىققاندا، پولات - تۆمۈرنى تۇتساق بىر قەۋەت تېرىمىزنى سويۇپ ئېلىۋالاتتى، بىر كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن، ھەمىشە بارماقلىرىمىزنى ئاچالماي قالاتتۇق. يازدا، بېتون قۇيۇش ئىشچىلىرى ھەر كۈنى ھىم قېلىپ تاختىسى ۋە پولات تەخسە ئارىسىغا كىرىپ، ئۇدا يەتتە - سەككىز سائەت ئىشلەيتتى، قېلىپ تاختا ئىچىدە ھاۋا ئۆتۈشمەيتتى، تېمپېراتۇرا سىرتنىڭكىدىن 10 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى ئىدى. بىر كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى قېلىن بىر قەۋەت شور باغلاپ كېتەتتى...» چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشچىلىرى تىرىشچان - ئىقتىسادچان بولۇش ئىستىلىنى زور دەرىجىدە ئەۋج ئالدۇردى، سىزىق سىزىش ئىشچىلىرى «يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىپ»، پولات ماتېرىياللىرىنى تېجىدى؛ پولات چىۋىق ئىشچىلىرى ئىنچىكە ھېسابلاپ، بىر تال پولات چىۋىقنىمۇ ئىسراپ قىلمىدى؛ كەپشەرلەش ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان بىر سۇڭ ئۇزۇنلۇقتىكى كەپشەر بېشىنىمۇ تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىدى.

قۇرۇلۇشچىلار ۋە نەنجىڭ خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 1968- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى نەنجىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكى پۈتۈپ پويىز قاتنىدى، شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، تاشيول كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى.

نەنجىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4588 مېتىر، تۆمۈريول كۆۋرۈكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6772 مېتىر بولۇپ، ئەينى چاغدا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، كۆۋرۈك تېخنىكىسى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان تۆمۈريول، تاشيولنىڭ ئىككىلىسى تەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئىككى قەۋەتلىك كۆۋرۈك ئىدى. كۆۋرۈكنى ياساش جەريانىدا، قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى ياراتقان نۇرغۇن يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى تېخنىكا ئەينى چاغدىكى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەنىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4