تارىم نېفىتلىكىدە يەنە 100 مىليارد كۇب مېتىر دەرىجىلىك چوڭ گازلىق بايقالدى

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: پۈتۈن مەملىكەت خەلقى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خۇشال تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، 10- ئاينىڭ 3- كۈنى، تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى تارىم نېفىتلىكىنىڭ بوز 9- نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سانائەت نېفىت - تەبىئىي گازى ئېلىندى، كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئېلىش مىقدارى 418 مىڭ 200 كۇب مېتىر، ئۇيۇغان نېفىت ئېلىش مىقدارى 115.15 كۇب مېتىر بولۇپ، ئۇ تارىم نېفىتلىكىدىكى جۇڭچيوۋ 1- نومۇرلۇق قۇدۇقىدا 100 مىليارد كۇب مېتىر دەرىجىلىك چوڭ گازلىق بايقالغاندىن كېيىن، تىيانشاننىڭ جەنۇبىدا بايقالغان يەنە بىر 100 مىليارد كۇب مېتىر دەرىجىلىك چوڭ گازلىق بولۇپ قالدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بوز 9- نومۇرلۇق قۇدۇقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۇچا ئولتۇرۇشمىسىدىكى قاراسۇ قۇرۇلما بەلبېغىدىكى ئالدىن چارلاش قۇدۇقى ئىكەن. بۇ قۇدۇق 2017- يىلى 10- ئايدا بۇرغىلىنىشقا باشلانغان، بۇ يىل 3- ئايدا بۇرغىلاش تاماملانغان بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى 7880 مېتىرغا يېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق ئىكەن. بوز 9- نومۇرلۇق قۇدۇقىنى بۇرغىلاپ چارلاش جەريانىدا، تارىم نېفىتلىكىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى بوز - چوڭ شىمال گازلىق رايونىدىكى يۇقىرى سۈرئەتتە بۇرغىلانغان قورام تاش جىنسى، تۆۋەن سۈرئەتتە بۇرغىلانغان بوش چۆكمە يەر قاتلىمىنى رايونلارغا ئايرىپ، بەلباغلارغا ئايرىپ، باسقۇچقا ئايرىپ ئىنچىكە پارچىلاپ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تېيىز قاتلامدىكى شېغىل قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتەلمەسلىك، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر غايەت قېلىن تۇز قاتلىمىدا بۇرغا قىسىلىپ قېلىش، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق تۇز سۈيى قاتلىمىدىن تېشىپ ئېقىش قاتارلىق بىر قاتار «ئەجەللىك» تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بوز 9- نومۇرلۇق قۇدۇقىدا مۇھىم، زور چارلاپ بايقاشقا ئېرىشىشكە تىرەك بولدى.

جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تيەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوز 9 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بايقاش بوز 9- نومۇرلۇق قۇدۇقىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ گاز تەركىبىي كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە، تەركىبىدە نېفىت - تەبىئىي گاز بار كۆلەم 40.9 كىۋادرات كىلومېتىر، گاز قاتلىمى بۆلىكىنىڭ قېلىنلىقى جەمئىي 178 مېتىر، دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلەنگەن تەبىئىي گازنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 115 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر، ئۇيۇغان نېفىت زاپىسى 21 مىليون 660 مىڭ توننا ئىكەن. بۇ، تارىم نېفىتلىكىدە مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان يەنە بىر ئەلا سۈپەتلىك، تەييار، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئۇيۇغان تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بايقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بوز - چوڭ شىمال گازلىق رايونىدا 1 تىرىليون كۇب مېتىرلىق زور گازلىق رايونى زاپىسى كۆلىمىنىڭ بارلىقىنى يەنىمۇ دەلىللىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ جاي كېلا - كېشېندىن كېيىنكى يەنە بىر 1 تىرىليون كۇب مېتىرلىق چوڭ تەبىئىي گازلىق رايونى بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى 30 مىليون توننىلىق زامانىۋى نېفىت - تەبىئىي گازلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، بوز - چوڭ شىمال تەبىئىي گازلىق رايونىنى قىدىرىپ چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتقان، بوز 9 - نومۇرلۇق قۇدۇقى، چوڭ شىمال 17 - نومۇرلۇق قۇدۇقى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق چارلاش قۇدۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان. بوز - چوڭ شىمال گازلىق رايونىدا 50كە يېقىن قۇرۇلما بايقالغان، تەبىئىي گاز ئومۇمىي بايلىق مىقدارى 1 تىرىليون 200 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاخىرىدا چارلاپ ئېنىقلىنىدىغان تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك زاپىسى 1 تىرىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدىكەن.

دۆلىتىمىزنىڭ چارلاپ ئېنىقلانغان چوڭقۇر قاتلام ئۇيۇغان نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ %80تىن كۆپرەكى تارىم ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن. نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكى ياقا، دىنا 2-، ئوتتۇرا تارىم 1- نومۇر قاتارلىق 14 دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق مۇرەككەپ ئۇيۇغان تەبىئىي گازلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، يىلىغا 2 مىليون توننا ئۇيۇغان نېفىت، 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىن ئۇيۇغان نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4