توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ.

«بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ھېچقانداق كۈچ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن يېڭى جۇڭگو 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەدھىيەلەپ، داۋاملىق خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەتئىي ئىشەنچىسىنى مەردانىلىك بىلەن جاكارلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش غايەت زور قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يەنە مۆجىزە يارىتىش ئۇلۇغۋار غايىسى، جەسۇرانە ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلى نېمىدېگەن شانلىق - ھە! 70 يىلدىن بۇيان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت ئاران 27 دوللار بولۇشتىن مۇقىم ھالدا دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشقىچە؛ «بىر تىراكتورنىمۇ ياسىيالماسلىق»تىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشقىچە؛ نامرات، قالاق، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلايدىغان ھالەتتىن دۇنيادىكى 1 - چوڭ تاۋارمال سودىسى دۆلىتى، 1 - چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتىگە ئايلىنىشقىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، «مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار»نى بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزىلەرنى بىر - بىرلەپ ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرى كىيىم - كېچىكى، يېمەك - ئىچمىكى تولۇق بولمىغان كىشىلەر پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم قويىدۇ؛ ئىلگىرىكى نامرات، قالاق جۇڭگو گۈللىنىش، قۇدرەت تېپىشقا يۈزلەندى؛ ئىلگىرىكى نامرات، ئاجىز مىللەت ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى. ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، جۇڭخۇا مىللىتى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»قىچە، جۇڭگو خەلقى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. تارىخ ۋە رېئاللىق قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى: جۇڭگو خەلقى چوقۇم قىلالايدۇ، جۇڭگو چوقۇم قىلالايدۇ.

ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، چۈنكى بىز تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى جۇغلىغان ئېنېرگىيەگە ناھايىتى ئۇزاق بولدى، ئۇنى پارتلىتىپ ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو ئارزۇسى بىز پۈتكۈل مىللەتنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىدە چۆكمە بولغان تارىختا يېتىلگەن بولۇپ، ھاقارەتلىنىش ۋە ئازاب - ئوقۇبەت ئۇنىڭ تۇپرىقى، شۇڭا ئۇ شۇنچىلىك چوڭقۇر، كىشىنى شۇنچىلىك تەسىرلەندۈرىدۇ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ؛ جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت غايىسى ۋە ئارزۇسى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، دۆلەتنىڭ كۈچىيىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ رېئال تىرىكى، شۇڭا ئۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك، كىشى قەلبىنى شۇنچىلىك تەسىرلەندۈرىدۇ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ.

جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ماھىيىتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، بۇ، تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس ھوقۇق؛ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، تارىخ لوگىكىسىنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ، «ھەققانىيەت ئىشلىرىنى ھەرقانداق دۈشمەن يېڭەلمەيدۇ». پەقەت بىز قەتئىي غايە - ئېتىقاد ۋە كۈچلۈك ئىنقىلابىي ئىرادىنى ساقلىساقلا، قاتمۇقات ئۆتكەللەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتەلەيمىز، قانداق توزاق، قانداق مۇھاسىرىگە ئېلىپ توسۇش، قانداق قامال سىزىقى بولسۇن، ھەممىنى تەلتۆكۈس ئارقىمىزغا تاشلىيالايمىز!

ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، چۈنكى بىز دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلدۇق. بىر نامرات، ئاجىز قالاق دۆلەتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇق، جۇڭگو سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا ۋە مۇستەملىكە قىلىپ تالان - تاراج قىلىشقا تايانماي، بەلكى باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن چوڭ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ باش تېمىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بىز باشتىن - ئاخىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتۇق. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش جەريانىدا چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدۇق. ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

«ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش.» جۇڭخۇا مىللىتى ئازاب - ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن، قەيسەر ئۇلۇغ مىللەت، جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، باتۇر، توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان ئۇلۇغ خەلق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئۇلۇغ پارتىيە. مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى كۈتۈۋېلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ ئىلگىرىلىشى داۋامىدا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە پۈتۈپ چىقالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4