مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتىغا قاتناشقان بارلىق خادىملارنى تەقدىرلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتىغا قاتناشقان بارلىق خادىملارنى تەقدىرلىدى.

تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار جۇمھۇرىيەتنىڭ قوراللىق كۈچىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك كۈچلۈك سەپ قىياپىتى، كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېپيېڭى قىياپىتى، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك قىياپىتى ئارقىلىق، شەرەپ بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى، جۇڭگوچە سالاپەتكە باي، دەۋر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، قۇدرەتلىك ئارمىيەنىڭ قىياپىتى نامايان قىلىنغان بىر مەيدان تەنتەنىلىك ھەربىي پاراتنى تەقدىم قىلدى. پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنىڭ ئېسىل، قالتىس ئىپادىسى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان روشەن مەيدانىنى مەركەزلىك ھالدا ئېنىق ئىپادىلەپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەزلىك كۆرسىتىپ بەردى، ئارمىيەمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادە ئەمەلىي كۈچىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ بەردى، ئىنتايىن زور دەرىجىدە مىللىي روھنى جانلاندۇردى، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىن ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى، قۇدرەتلىك كۈچنى توپلىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەربىي پارات ۋەزىپىسىنىڭ غەلىبىلىك تاماملىنىشى، ھەربىي پاراتقا قاتناشقان قىسىملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، كۆرسەتمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ، بۇرچ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىنچىكە پىلانلاپ تەشكىللىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. پاراتتىن ئۆتكەن كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، قالتىسلىققا ئىنتىلدى، جياڭجۈنلەر، ئەسكەرلەر بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، خادىملارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىغا، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىي پارات خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. ھەربىي پارات ئەمەلىيىتى جەريانىدا، بارلىق خادىملار پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، مۇتلەق سادىق بولىدىغان سىياسىي پەزىلىتىنى، ۋەتەننى قوغداش، ئۇرۇشتا غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، دادىللىقىنى، شان - شەرەپنى قەدىرلەيدىغان، بۇرچنى ئادا قىلىدىغان قىممەت ئىنتىلىشىنى، بىرىنچى قاتاردا بولۇشنى قولغا كەلتۈرىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئالغا ئىنتىلىش روھىنى، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدىغان ئېسىل ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ياخشى قىياپىتىنى تىكلىدى.

تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ھەربىي پاراتقا قاتناشقان قىسىملاردىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى ياخشى تاماملىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى توپلاپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، ئۇرۇش قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز