ئېگىز تاغ ئىچكىرىسىدىكى ئاپتوموبىل شەھىرى

كىشىلەر ئىلگىرى شىيەننى مۇنداق تەسۋىرلەيتتى: شىيەن بەكمۇ غەلىتە، بىر يول بىلەنلا سىرتقا تۇتاشقان؛ شەھەرمىكىن دېسە، قوغۇن - تاۋۇز ۋە كۆكتات تېرىلغان؛ يېزىمىكىن دېسە، زاۋۇتلار جىلغىلارنى قاپلىغان. مانا مۇشۇنداق چەت تاغلىق رايوندىكى كىچىك بازاردا دۆلىتىمىزدىكى 2- ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى بارلىققا كەلگەن.

دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، 1969- يىلى 10- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 نەچچە زاۋۇت، لايىھەلەش يۇرتى ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن قۇرغۇچىلار ھەمدە جۇشەن، جۇشى، سۈيشيەن، داۋۇ، زاۋياڭ، خەنچۈەن، خەنياڭ قاتارلىق ناھىيەلەردىن كەلگەن 25 مىڭدىن كۆپرەك خەلق ئىشچىسى شىيەن ئەتراپىدىكى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان قۇرۇلۇش ئورنىغا جەم بولۇپ، 2 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى قۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

2- ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا «ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇش» ۋە «گۆھەر توپلاش» فاڭجېنى قوللىنىلدى. «ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇش» دېگىنىمىز، 2- ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنىڭ 20 نەچچە كەسپىي زاۋۇتىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1- ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى، نەنجىڭ ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى، بېيجىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتى ھەم شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردىكى 30 نەچچە زاۋۇت مەسئۇل بولۇپ، لايىھەلەش، قۇراشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى، خادىملارنى تەربىيەلەش، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش - سىناشتىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە ھەممىنى «ھۆددىگە ئېلىش»نى كۆرسىتىدۇ.

«گۆھەر توپلاش» دېگىنىمىز، دۆلەت تېخنىكا، ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار 558 ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنى تەشكىللەپ، 2- ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىغا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنە ياساپ بېرىپ، 500دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات لىنىيەسى ۋە 117 ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇراشتۇرۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

«ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇش» ۋە «گۆھەر توپلاش» فاڭجېنى 2- ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنى پۈتۈشى بىلەنلا دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى زامانىۋىلاشقان ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىغا ئايلاندۇردى.

1975- يىلى، 2- ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى تۇنجى ئاساسىي ئاپتوموبىل تىپى − 2.5 توننىلىق دالا ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى. 1978- يىلى 7- ئايدا، «شەرق شامىلى» بەش توننىلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى. ئۈچىنچى ئاساسىي ئاپتوموبىل تىپى − 3.5 توننىلىق دالا ئاپتوموبىلى تەجرىبە قىلىنىش ئاساسىدا 1980- يىلى دۆلەت تەرىپىدىن باھالاپ تىپى بېكىتىلدى.

كۆلىمى غايەت زور بولغان 2 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدا يېڭى ماشىنىسازلىق سانائىتى مەركىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، «3 - سەپ قۇرۇلۇشى»دىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. جۇڭگو، چەت ئەللىك ئېكسكۇرسىيەچىلەر خۇبېينىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى شىيەن شەھىرىگە كېلىپ، ھەممىسى دېگۈدەك: كوممۇنىستلار داباشەن تېغى بىلەن چىنلىڭ تېغى ئارىلىقىدىكى بۇ قاقاس تاغلىقتا مۇشۇنداق چىرايلىق زامانىۋى ئاپتوموبىل شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىپتۇ! دەپ ھەيران قېلىشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4