ۋەتەن ۋە خەلق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ

− ۋاپات بولغان ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلارغا بېغىشلايمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، لو شا، خۇ خاۋ

9- ئاينىڭ 30- كۈنى، 6- قېتىملىق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى. خەلق جۇمھۇرىيىتى 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇ ئالتۇن كۈزدە «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى»لارنىڭ ئىش ئىزلىرى كەڭ تارقىلىپ، مەدھىيەلىنىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. بۇ ۋەزىنلىك تىزىملىكتە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىسمى قارا رامكىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىيماسى بىزدىن يىراقلاپ كەتكەنىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى شۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇكى، ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان جەرياندا چۈشكۈنلىشىش ۋە ئويغىنىش، كۈرەش قىلىش ۋە قەد كۆتۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد باسقۇچىلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر توپ كىشىلەر بار، ئۇلار ھاياتى بەدىلىگە تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغۇدەك سەھىپىلەرنى پۈتكەن.

جۇڭخۇا مىللىتى شۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇكى، ھەر قېتىم دۆلەت خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرىغان پەيتتە، ھەر قېتىم مىللەت ھايات - ماماتلىق تاللاشقا دۇچ كەلگەن چاغدا، ھەر قېتىم خەلق ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، مۇنداق بىر توپ كىشىلەر ھەرقايسى جەڭ مەيدانلىرىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۈرەش قىلغۇچىلارغا خاس قىياپەت بىلەن چاقناپ تۇرغان جەڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن.

كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئۆكۈنۈشسىز ھېكايىلىرىنى ۋاراقلىغاندا، بىز قانچىلىغان كىشىنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆگەنگەنلىرىنى پۇقرالارغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىقىنى، قانچىلىغان كىشىنىڭ ئاددىي ئىش ئورنىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنى، يەنە قانچىلىغان كىشىنىڭ خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھايات - ماماتلىق تاللاشقا بىمالال يۈزلەنگەنلىكىنى ھېسابلاپ بولالمايمىز.

كۈرەش قىلىش جەريانىدا تارىخىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى، كۈرەش قىلىش جەريانىدا يېڭى دەۋرنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭراتتى − ۋاپات بولغان كۈرەش قىلغۇچىلار كىشىلەرگە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسلىمىلەرنى، شۇنداقلا كەلگۈسىنى يارىتىدىغان كۈچ مەنبەسى قالدۇرۇپ كەتتى.

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىككى قىرغىقىدا، شاللار دولقۇنلاپ تۇرغان شەرقىي شىمال تۇپرىقىدا، ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان شېنجېن چيەنخەيدە، ھاياتىي كۈچكە تولغان شاڭخەي جاڭجياڭدا، ئۈچ جاينى تۇتاشتۇرغان شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە... قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتىدىغان، ئارزۇنى قاناتلاندۇرىدىغان يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقان دۆلىتىمىزدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كۈرەش قىلغۇچىلار ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارىمىزدىن ئايرىلغان ئاشۇ سىيمالارغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

ھاياتلىق ماياكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

ھەربىر قېتىملىق خاتىرە كۈنى قايتا ئەسلەش، شۇنداقلا ئويغىنىشتۇر. ئىنقىلابىي قۇربانلار زامان - ماكاندىن ھالقىپ، ئۆزلىرى ئورناتقان يول بەلگىلىرى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4