«يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، جۇڭگونى ئۆزگەرتىش»

«يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن بىر مەسەل. 1957- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى، ماۋ زېدۇڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جۈنەن ناھىيەسىدىكى لىجياجەينىڭ يەرلەرنى تۈزەش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قىلىش، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاشلىق ھوسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ قىياپىتىنى يپيېڭى تۈسكە كىرگۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان دوكلاتنى ئوقۇپ، «يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، جۇڭگونى ئۆزگەرتىشتە لىجياجەي بىر ياخشى مىسال» دېگەن تەستىق سۆزىنى يازدى.

«يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، جۇڭگونى ئۆزگەرتىش»تىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ روھنىڭ چاقىرىقىدا، جۇڭگو خەلقى تاغ - دەريالارنى قايتا تۈزەشتەك سانسىزلىغان شانلىق داستانلارنى پۈتتى. بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىقنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە ماددىي بۇيۇملار ئىنتايىن كەمچىل بولۇشقا قارشى بىر مەيدان كۈرەشنى قانات يايدۇردى. سەنشى ئۆلكىسى شىياڭ ناھىيەسى داجەي كەنتىدىكى ئاممىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلغانلىقى ۋە خېنەن ئۆلكىسى لىنشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى لىنجوۋ شەھىرى)دىكى خەلقنىڭ قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى چېپىپ، تاغ - دەريالارنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدەك باتۇرانە جاسارىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلدۇر.

داجەي سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەيخاڭشەن تېغى ئېتىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن مىڭ نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان. بۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، يېرى ئۈنۈمسىز. داجەيلىكلەر پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جان تىكىپ ئىشلەپ، 1953- يىلىدىن باشلاپ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى يەتتە چوڭ جىلغىنى ئۆزگەرتىپ، چوڭقۇر جىلغىلارنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇپ، «مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك سېپىدىكى بىر قىزىل بايراق» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 1962- يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە ئېغىر ئاپەت ۋە ئېغىر قىيىنچىلىق يۈزبەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، داجەينىڭ مو بېشى ئاشلىق ھوسۇلى ناھىيەنىڭ 530 جىڭلىق ئوتتۇرىچە ھوسۇل مىقدارىدىن يۇقىرى بولدى.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لىنشيەن ناھىيەسى تەيخاڭشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئېغىر قۇرغاق، سۇ قىس رايون ئىدى. لىنشيەن خەلقى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى لىنشيەن ناھىيەسىگە باشلاپ، «لىنشيەن ناھىيەسىنىڭ تاغ - دەريالىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش»نى دادىل تەسەۋۋۇر قىلدى. 1960- يىلىنىڭ بېشىدا، لىنشيەن ناھىيەسىدىكى 37 مىڭ ئامما تەيخاڭشەن تېغىغا جەڭ ئېلان قىلدى. بەش يىل جاپاغا چىداپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 1965- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى قىزىل بايراق باش غول ئۆستىڭىگە سۇ باشلىدى. ئارقىدىن يەتتە - سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تارماق ئۆستەڭلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، باش غول ئۆستەڭنى ئېگىزلىتىپ پۇختىلىدى، 1974- يىلى 8- ئايغا كەلگەندە، قىزىل بايراق ئۆستىڭى تولۇق پۈتتى. قىزىل بايراق ئۆستىڭى «سۈنئىي تيەنخې دەرياسى» دەپ ئاتىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى، ھازىرغىچە يەنىلا ئىجابىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4