2019 شىنجاڭ پاختا كەسپى تەرەققىيات مۇنبىرى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 19- كۈنى، 2019 شىنجاڭ پاختا كەسپى تەرەققىيات مۇنبىرى ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار «يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىيات يولى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، نۆۋەتتە شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە پۇرسەتنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى ھەم شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى، يولىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە كارخانىچىلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى نۆۋەتلىك پاختا نىشان باھا ئىسلاھاتى ئارقىلىق، شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. يېڭى خىرىس، يېڭى پۇرسەت ئالدىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەتنىڭ پاختا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاختا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «كۆلەمنى كونترول قىلىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش» تەلىپى بويىچە، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، بازا قۇرۇپ ئاساس سېلىش، ئىلمىي باشقۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇشتا دەرىجىنى ئۆستۈرۈش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ كاپالەتنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى كۇڭ شىڭلۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي جېنخۇڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4