چوڭ ئاسراشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ خېنەندە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

چوڭ ئاسراشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جېڭجوۋدا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جېڭجوۋدا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن جېڭجوۋ خۇاڭخې دەرياسى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدا، خۇاڭخې دەرياسى قىرغىقىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزدىن كەچۈردى، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەنى ئاسراش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، توسما قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جېڭجوۋدا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا قاراپ بېكىتىپ، سۇنى ئۆلچەپ يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن، غول - تارماق ئېقىن، ئوڭ - سول قىرغاقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ ئاسراشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش، تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيىتىنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنجۈن، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ خېپىڭ، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇ خاۋ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گەنجيې، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئې جىڭپىڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۈينىڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جيايى، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دو، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭ يازما سۆز بىلەن تەمىنلەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە تونۇشى ۋە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى ۋە مۇھىم ئىقتىسادىي بەلبېغى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم رايون بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خۇاڭخې دەرياسىنى ئاسراش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ۋە مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلان. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئوخشاش مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى. خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دەريا ۋادىسى بويىدىكى ئۆلكە، رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پائال مەدەت بېرىپ، دەريا ۋادىسى بويىدىكى خەلق ئاممىسى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «خۇاڭخې دەرياسى تىنچ بولسا، جاھان ئەمىن تاپىدۇ». قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى باشتىن - ئاخىر خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش - ئېچىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئارمىيە، خەلق ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى كەڭ كۆلەمدە خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش، ئاسراش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. سۇ - قۇمنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىپ، دەريا يولى كىچىكلەش ھالىتى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇلۇپ، ۋادىنىڭ سۇ ئىشلىتىشى زىيادە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇندى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل، كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۈچ دەريا مەنبەسى قاتارلىق مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى تېز يولغا قويۇلۇپ، يۇقىرى ئېقىننىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئېقىندىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ سۇ ساقلاش، تۇپراقنى ساقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، «ئادەم قۇمنى چېكىندۈرۈش»تەك قۇم تىزگىنلەش مۆجىزىسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى. تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەر توپى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ساھىل رايونىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تۈزەش تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا يەنىلا بەزى گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، سۇ بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىيىتى كەسكىن، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ يۈزەكى ئىپادىسى خۇاڭخې دەرياسىدا، يىلتىزى ۋادىدا.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشتە مۇھىم بولغىنى ئاسراش، زۆرۈر بولغىنى تۈزەش. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بىرىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى پەرقنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. يۇقىرى ئېقىندا ئۈچ دەريا مەنبەسى، چىليەنشەن تېغى، گەنسۇنىڭ جەنۇبىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور بولغان ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا ئېقىندا سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ۋە بۇلغىنىشنى تۈزەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، شارائىتى بار جايلار زور كۈچ بىلەن بىنەم تېرىقچىلىقىدىكى پەلەمپەيسىمان ئېتىز، لاتقا توسمىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشى، بەزى جايلار تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، سۈنئىي كاشىلىنى ئازايتىپ، بۇلغىنىش ئېغىر بولغان تارماق ئېقىنلارغا قارىتا، زور كۈچ سەرپ قىلىپ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تۆۋەن ئېقىندىكى خۇاڭخې دېلتىسىنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دەريا ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىدا سۇ ئاز، قۇم كۆپ، سۇ - قۇم مۇناسىۋىتىنىڭ ماسلاشماسلىقى خۇاڭخې دەرياسىدىكى مۇرەككەپ، تۈزەش قىيىن بولغان تۈگۈن. گەرچە خۇاڭخې دەرياسىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھوشيارلىقنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. سۇ بىلەن قۇمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، سۇ - قۇمنى تەڭشەش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش، ئايرىم - ئايرىم باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دەريا يولى ۋە ساھىل رايونىنى ئۇنىۋېرسال ئۆستۈرۈش، تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا لاي - لاتقىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، خۇاڭخې دەرياسى قىرغىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقى مىقدارى مۇشۇنچىلىكلا كۆپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا سۇ كېتىدۇ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرمۇش كەچۈرۈشمۇ سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، سۇنى تۈگىمەس بايلىق دەپ قارىماسلىق كېرەك. سۇ ئارقىلىق شەھەرلەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق يەرلەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق ئادەملەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، نوپۇس، شەھەر ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، مۇۋاپىق بولمىغان سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، سۇ تېجەش كەسپى ۋە تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ يىرىك بولۇشتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلسە سۇ ئىشلىتىپ، تاغنى كۆكەرتىشكە ماس كەلسە تاغنى كۆكەرتىپ، ئاشلىق تېرىشقا ماس كەلسە ئاشلىق تېرىپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە دېھقانچىلىق قىلىپ، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، سودا قىلىشقا ماس كەلسە سودا قىلىپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. ئۈچ دەريا مەنبەسى، چىليەنشەن تېغى قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى مۇھىم بولغان رايونلار ئاساسلىقى ئېكولوگىيەنى ئاسرىشى، سۇ مەنبەسىنى ساقلىشى، تېخىمۇ كۆپ ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات يارىتىشى كېرەك. خېتاۋ سۇغىرىش رايونى، فېنۋېي تۈزلەڭلىكى قاتارلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. رايون مەركىزىي شەھىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات شارائىتى ياخشى بولغان رايونلار تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىساد ۋە نوپۇسنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. نامرات رايونلار ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ياخشىلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

بەشىنچى، خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. خۇاڭخې مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى. خۇاڭخې مەدەنىيىتى مىراسلىرىنىڭ سىستېمىلىق قوغدىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، «خۇاڭخې ھېكايىسى»نى ياخشى سۆزلەپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئاسراش ۋە تۈزەشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش بىر كۈندىلا قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس. تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل ۋە تۆھپە قوشۇشتا مەن بولمىسام بولمايدۇ، دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ھەم ھازىرقىنى ئىشلەپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت ياراتقۇزۇش كېرەك.

خەن جېڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئاسراشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇش، چوڭ تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئاسراش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنى ماسلاشتۇرۇپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئېقىندا «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى مۇقىملاشتۇرۇش، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندا ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، پۈتۈن ۋادىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار قانۇنىيىتى ۋە يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز