باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل ئەنئەنە تەربىيەسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەر، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتلارنىڭ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم »، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، « ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، پايدىلىنىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قاتلام - دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىشىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جى جېڭ، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز