شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1- تۈركۈمىدىكىنى خۇلاسىلەش ھەم 2- تۈركۈمىدىكىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1- تۈركۈمىدىكىنى خۇلاسىلەش ھەم 2- تۈركۈمىدىكىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، « 2 - تۈركۈمدىكى <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ قاراپ چىقتى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈلگىلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا توغرىلىنىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ۋە ئەخلاق ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تىرىشىپ يۈكسەك ئەخلاقنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، مەدەنىي كەيپىياتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرىدىن بولىدىغان قويۇق كەيپىيات بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، ئىدىيە - ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، پايدىلىنىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلاش، ياخشى تەشكىللەش كېرەك. ۋەزىپە - تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا يولغا قويۇش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، «تۆت جايىدا بولۇش»نى ھەقىقىي، ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىگە قاراپ ئاتلىنىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ باھاسىنى قوبۇل قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ئۇرغۇپ چىققان خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇرچ - ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىشى كېرەك، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملار ئۆزى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ياخشى ئۈلگە بولۇپ، بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم