ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق، توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق، توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، مەركەز بېكىتكەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى مۇھىم نۇقتىسى قورغاننىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش، تۈۋرۈك - لىم تىكلەش، ئوتتۇرا باسقۇچتىكى مۇھىم نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش بولغانىدى، ھازىر كۈچەش نۇقتىسىنى سىستېمىلىق، توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى كۈچەيتىشكە قويۇپ، مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، بىز تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسۇلۇش، سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ جەمئىيەت خاراكتېرلىك يۆتكىلىشىگە ئائىت تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوقۇش - ئوقۇتۇشتا ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت لايىھەسى»، «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېشىل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالى چىقارغۇچىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە ئائىت ۋاقىتلىق يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»، «سولياۋدىن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول. تېخنىكا ئىنقىلابى، كەسىپ ئۆزگىرىشى، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، كەسىپنى باغلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، تېخنىكىنى سىڭدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشى، باغلىنىپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككىدە «قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، تۈزۈملەشكەن، ئۇزاق مەزگىل مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىشى، بازار رىقابىتىگە ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر قاتنىشىشى، قانۇننىڭ قوغدىشىغا باراۋەر ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشى، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەندىزە ۋە كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورت بىلەن ئېكسپورت، مال سودىسى بىلەن مۇلازىمەت سودىسى، سودا بىلەن قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش، سودا بىلەن كەسىپنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ تەرتىپلىك ئەركىن يۆتكىلىشى، بايلىقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بازارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرتىپلىك جەمئىيەت خاراكتېرلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى كۈچلۈك تىرەك، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى ئەمگەك كۈچلىرى، ئىختىساسلىقلارنىڭ جەمئىيەت خاراكتېرلىك يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، يۆتكىلىش پۇرسىتى يارىتىپ، يۆتكىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۆتكىلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەممە كىشىنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش - تەكشۈرۈش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش، باھالاش، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۆتكەش - تەڭشەش قاتارلىق ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدىكى ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇتىدىغان، خاتىرجەم ئادەم تەربىيەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تۆۋەن چەك قىلىپ، سان ۋە سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سورتقا ئايرىپ كاپالەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تەمىنات ئومۇمىي مىقدارىنى كۆپەيتىپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنات مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، تەمىنات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاپىسى ۋە پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىلمىي، مۇۋاپىق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنات كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك كاپالىتى بولۇپ، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا. مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئىجازەت بېرىشنى باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، ئىلغار، ئىشەنچلىك، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاش، يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇلۇش قىلىش، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەمەلىي قوللىنىش، يۇقىرى ھەمبەھرە تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ، ئاساسىي تەتقىقات، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان جابدۇق ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئۈلگە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئەقلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشتا، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش پىرىنسىپى بويىچە، تېجەشچان ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل مەھەللە، يېشىل سەپەر، يېشىل سودا ساراي، يېشىل ئىمارەت قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل تۇرمۇشقا دائىر ئالاقىدار سىياسەت ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن مەبلەغ چىقارغۇچى تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىش، بازارلاشتۇرۇش، ئېھتىياتچان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ چىقارغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كارخانىسى تۈزۈمى ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سولياۋدىن بۇلغىنىشقا پائال تاقابىل تۇرۇشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قىسمەن سولياۋ بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى تەرتىپلىك چەكلەپ، چەك قويۇپ، ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان، ئاسان يىغىۋالغىلى بولىدىغان، پارچىلىنىدىغان سەپلىمە مەھسۇلاتلارنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يېشىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، تاشلاندۇق سولياۋلارنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ھالقىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سولياۋدىن بۇلغىنىشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىز تۈزۈلمە خاراكتېرلىك چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلارنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز مېخانىزم خاراكتېرلىك توسۇلۇش مەسىلىسىنى يېڭىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن توسالغۇ، قىيىن نۇقتىلارنى ئېچىپ، راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردۇق. بىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، دەل ۋاقتىدا بىر تۈركۈم كەسمە يۈزى كىچىك، ئۈنۈمى تېز بولغان سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، غەم قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئەستايىدىل رەتلەپ، تۈزۈم ئىسلاھاتى بىلەن تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن قاتلامغا ئايرىپ ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن، ئوڭ - سولدىكىلەرنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى يانداشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» پەيدا قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم