ئىتتىپاق، ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى

− شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز جېڭ يىيۈەن

9- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى بىر يىغىن زالىدا، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىدىكى قىز - يىگىتلەر تىرېنېرنىڭ قوماندانلىقىدا جاسارەت بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ مەردانە ۋە قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكا مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى جېڭجوۋ شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىدىكى كوماندا ئەزالىرى كېچە - كۈندۈز جاپالىق مەشىق قىلدى.

مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى خەن ۋېيدۇڭ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى شۆبە ئوتتۇرا دەرىجىلىك سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسى بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ تەشكىللەنگەن. دەسلەپتە 30 ئادەم بولۇپ، تاللاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىز جەمئىي 18 ئادەم قالغان. «بۇ كوماندىمىز ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، ئۆزبېك قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەشكىللەنگەن، مەيلى مەشىق جەريانىدا بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، كۆپچىلىك سەن - مەن دېيىشمەي، ئۆزئارا ياردەملەشتى، خۇددى ئىتتىپاق، ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايدۇ».

بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، بۇ كوماندىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى ئېرشات غوپۇر ئاغرىپ قالغاندا، ئەترەت ئەزالىرى ۋە باشقا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇنىڭغا دورا سېتىۋېلىپ، تاماق ئەكېلىپ بەردى.

كوماندا ئەزاسى ئەراپات ئەخمەت جېڭجوۋغا كەلگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق مەشىقتە بېلىنى قايرىۋالغانىدى، كوماندا ئەزالىرى ئۇنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، ياتاقدىشى سۇ سۇڭ باشتىن - ئاخىر ئەراپاتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە زاراڭزا مېيى سۈردى، يەنە ئىسسىق ئۆتكۈزدى.

مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى شۆ جياجېڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئىتتىپاق، دوستانە كوماندا، بىز چوقۇم مۇسابىقىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئېلىشىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4