خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان، رازى قىلىدىغان ياخشى قۇرۇلۇش لايىھەلەپ چىقىش

− جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى ۋاڭ شياۋدۇڭ توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ

«مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم بىر ياخشى ئارخىتېكتور بولۇش، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى قۇرۇلۇش لايىھەلەپ بېرەلىسەم، بىر ئۆمۈر ئارمانىم قالمايدۇ.» بۇ جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى ۋاڭ شياۋدۇڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز.

1963- يىلى، ۋاڭ شياۋدۇڭ شىئەن مېتاللورگىيە بىناكارلىق شۆيۈەنى (ھازىرقى شىئەن بىناكارلىق پەن - تېخنىكا داشۆسى)نىڭ بىناكارلىق ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، بىرىنچى ئارزۇسىغا شىنجاڭغا كېلىپ بىناكارلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تىزىملاتتى. بۈگۈنگە قەدەر، ۋاڭ شياۋدۇڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە يەنىلا تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە كىرگەن چاغدىكى جاراڭلىق قەسىمىنى شەرھلىدى.

شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەش

شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋدۇڭ ئەسەرلىرىدە باشتىن - ئاخىر «قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى» توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

1989- يىلى، ۋاڭ شياۋدۇڭ كۇچا ناھىيەسى كۈسەن مېھمانخانىسىنى لايىھەلەشكە باشلىدى. كۈسەن مېھمانخانىسىنىڭ بوشلۇق ۋە تەكشىلىك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، ۋاڭ شياۋدۇڭ شۇ جاينىڭ خاسلىقىنى ئۆرنەك قىلىپ، ھويلا - ئاران شەكلىدىكى ئاساسىي قۇرۇلمىنى مېھمانخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىدا قوللاندى، يەنە ئۈزۈم بارىڭى تېگىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل مەيدانىنى لايىھەلىدى. «بۇنىڭدا ھەم قۇرغاق ئىسسىق كىلىماتلىق رايوننىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈش ۋە تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، يەنە شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ۋاڭ شياۋدۇڭ.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ لايىھەسىدە، مول مەدەنىيەت مەنبەسى ئالدىدا، ۋاڭ شياۋدۇڭ «ئېلىش پىرىنسىپى»نى قوللىنىپ «شىنجاڭ»نى يادرولۇق ئېلېمېنت قىلىپ تۇرۇپ تاللىدى، يېرىم چەمبەر شەكىللىك ئەگمە، ئەگمە ئۆگزە، تەكشى ئۇچلۇق ئەگمىلەرنى كۆپ مىقداردا تەكرار ئىشلەتتى، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىقىدىكى سىرتقى تام ھۈنەر - سەنئىتى خىش نەقىشى قاتارلىقلارنى ئىشلەتتى. 2003- يىلى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پۈتۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ قالدى.

قەشقەر كونا شەھەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆزگەرتىش

50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ شياۋدۇڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ لايىھەلىگەن تۈرلەر سان - ساناقسىز، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى ئېنىقكى قەشقەر كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش.

قەشقەر كونا شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپ قىسمى كېسەك ئىمارەتلەر، رېمونت قىلىنمىغىنىغا ئۇزاق يىللار بولغان بولۇپ، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. 2008- يىلى، ۋاڭ شياۋدۇڭ تەكلىپكە بىنائەن قەشقەر كونا شەھەردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق دەلىللەش ئېلىپ بېرىپ، قەشقەر كوناشەھەر رايونى ئارا كوچىسى - خوجاگۈزەر كوچىسىنى قوغداپ ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋدۇڭ «ئادەمگە ھۆرمەت قىلىش، جەمئىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مۇھىتقا ھۆرمەت قىلىش»تەك ئۆزگەرتىش تەپەككۇر يولىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭى رېمونت قىلىنغان ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىنى 8.5 بال بىخەتەرلىك تەلىپىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئەسلىي تۇرالغۇنىڭ قىياپىتىنى ساقلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆز جايىغا قايتىپ كۆچۈشىنى ئاساس قىلدى، ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەر لايىھەلەشكە قاتناشتى.

«قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئارا كوچىسى - خوجاگۈزەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىش» تۈرى 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو بىناكارلىق تاراتقۇ مۇكاپاتى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇكاپاتلاش سەۋەبى: قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئارا كوچىسى - خوجاگۈزەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت ئىش، ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشتەك ئادەتلەنگەن ئۇسۇل بۇزۇپ تاشلىنىپ، ھەربىر ئائىلىلىك ئاھالە لايىھەلەشكە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مول تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئارزۇسى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان. لايىھەلەشتە كونا تۇرالغۇلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش، ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇش بىلەن بىللە، كونا شەھەر رايونىنىڭ قىياپىتى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ قېلىنغان.

ئىجادىيەت يۆنىلىشى ئۈستىدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش

ۋاڭ شياۋدۇڭ قۇرۇلۇش ئىجادىيىتىدە باشتىن - ئاخىر رايون مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، بۇ خىل چىڭ تۇرۇش ئۇنىڭ كەسىپ ساھەسىدە ئېتىراپقا ئېرىشىشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالدى.

1999- يىلى، ۋاڭ شياۋدۇڭ شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقىلىق ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىنى قۇرۇپ، داۋاملىق قۇرۇلۇش ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيى، شىنجاڭ مۇزېيى قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى لايىھەلىدى ھەم خەلقئارا ئارخىتېكتورلار جەمئىيىتى بەرگەن «روبېرت ماتخېۋ مۇكاپاتى» (ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش مۇكاپاتى)، دۆلىتىمىزدىكى ئارخىتېكتورلارنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى − لياڭ سىچېڭ قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ۋاڭ شياۋدۇڭ بۇلاردىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ ياخشى ئەسەرلەرنى لايىھەلەشكە تېخىمۇ كۆڭۈل قويدى.

كەسىپ ساھەسىدە شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ئىجادىيىتىگە بولغان دىققەت يۇقىرى پەللىگە چىقىش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ئىجادىيىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، بەلگىنى قوللىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان يېڭى تاقەتسىزلىك ۋە ئۈمىد پەيدا بولدى. ۋاڭ شياۋدۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ھالقىش ئىنتايىن قىيىن بولغان يۇقىرى پەللە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويۇۋەتمىدى.

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ، ۋاڭ شياۋدۇڭ ئەسەرلىرىدە بەلگىلەشتۈرۈشنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن كۈچەپ، ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش گېنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىش قىلدى. مەسىلەن: ئىلى چوڭ تىياتىرخانىسى تۈرىدە، ئۇ، يەرلىكنىڭ مەدەنىيەت قارىشى، ئېستېتىك قىزىقىشى، ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادىتىنى ھەر خىل قۇرۇلۇش تىلى ئارقىلىق مەركەزلىك ئىپادىلەش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلدى. قۇرۇلۇش ئەسىرىدە، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش تىلى ۋە بوشلۇق تۈزۈلۈش پىرىنسىپى بويىچە، بەلگىنى ئەڭ ئاز ئىشلىتىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش توپىنىڭ سېھرىي كۈچىنى جارى قىلدۇردى.

گەرچە مول تەجرىبە توپلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھېلىھەم ۋاڭ شياۋدۇڭنىڭ بوشاشماي ئىزدىنىش نىشانىدۇر.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4