سىجىل كۈچەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك

لى پېڭشىن بايىنغولىن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

سىجىل كۈچەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك

مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئەمەس ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك.

لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنتى، ئاقچىكە كەنتى، تارىم يېزىسىنىڭ بوستان كەنتى، باغراش ناھىيەسى چېكىننۇر يېزىسىنىڭ لاخەننۇر كەنتىدىكى 1000 مولۇق شاپتۇللۇق، ئۇلان جېكسېن يېزىسىنىڭ ئۇلان جېكسېن كەنتىدىكى باغراش كۆلى گۈل دېڭىزى، خوشۇت ناھىيەسى سۇخاتۇ يېزىسىنىڭ سۇخاتۇ كەنتى، تاغارچى بازىرىنىڭ خويورمودون كەنتى، خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرىنىڭ يېڭى ئۈمىد مەھەللىسى، بارۇن خارمۇدۇن بازىرىنىڭ كېزە كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نامرات ئامما، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى قەدىرلەپ، بىلىم ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ھازىرقى باسقۇچتا ئالغا سىلجىتىشتا، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق زورايتىپ، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، يەر ئوبوروتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاش، كارخانا ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش، مەركەزلەشتۈرۈپ يەتكۈزۈش، نىشانلىق بىۋاسىتە تەمىنلەش چارىسىنى كېڭەيتىپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارنىڭ «ھەميىنى»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، قولايلىق بولۇش، ماس كېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

لى پېڭشىن يەنە لوپنۇر ناھىيەسىدىكى خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ لوپنۇر شۆبە مەكتىپى، خوشۇت ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، خوشۇت ناھىيەلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ، خېجىڭ ناھىيەلىك 7- يەسلىگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كۈچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەكتەپنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك تازىلىقى بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچى مەكتەپ قۇرۇشنىڭ ئاساسى، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن مېھرىبانلىقنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆيلىنىش، مۇھەببەتلىشىش، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈلنى ئۇتۇپ، ئادەمنى قالدۇرۇش مۇھىتىنى ھەقىقىي يارىتىش كېرەك. بىخەتەرلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر، مۇقىم، ئىناق مەكتەپ مۇھىتى ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4