راھىلەمخان: ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ئەڭ ياخشى

مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، جېڭ جو

8- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرلار كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى - ئۆي جاھازلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا كەلدى، ئىككى قەۋەتلىك دۇكانغا ئارىلاپ خېرىدارلار كىرىپ مال تاللاۋاتاتتى، خېرىدار باشلىغۇچى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، مەھسۇلاتلارنى ئەستايىدىل تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. ئاق كوپتا كىيىپ، خىزمەت ئىزنىكى تاقىغان راھىلەمخان مەتسەيدى 2- قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈۋاتاتتى. «قۇربان ھېيتتا كونا خېرىدارلارغا جاۋاب قايتۇرۇش مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، ئەڭ چوڭ مۇكاپات بۇيۇمى قىممىتى 3899 يۈەنلىك ھاۋا تەڭشىگۈچ» دېدى ئۇ.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ ئۆيىدىن چىقمايدىغان يېزا ئائىلە ئايالىدىن تەجرىبىلىك كەسپىي ئايال بولغىچە، راھىلەمخان كىشىلىك ھاياتىدىكى بۇرۇلۇشنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

ئىسكەنجىدىن قۇتۇلۇپ تەبەسسۇمغا چۆمۈلۈش

«مەن <ياۋا ئاخۇن>نىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانىدىم» دېدى بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن راھىلەمخان ئىلگىرىكى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا يوشۇرمايلا. ئىلگىرى ئۇ ئېرى بىلەن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىدا تۇرمۇش كەچۈرەتتى. «قېيىنئانامنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، كەنتىمىزدىكى بىر ياشانغان كىشى پات - پات كېلىپ يوقلاپ تۇراتتى.» راھىلەمخان مۇنداق دېدى: دەل ئاشۇ كىشى مېنىڭ قىسقا يەڭلىك مايكا كىيىۋالغانلىقىمنى كۆرۈپ، غەزەپ بىلەن ماڭا بۇنداق كىيىنسىڭىز «مۇسۇلمانچە ئەمەس» دېگەن.

دەل مۇشۇ «ياۋا ئاخۇن» ياش راھىلەمخاننى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇر قىلغان. ئاشۇ يىللاردا، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئادەم نىقابلىق كىيىم كىيەتتى، راھىلەمخانمۇ ئاستا - ئاستا مۇشۇنداق قىلىشنى توغرا دەپ قارىغان. بىر ئىشتا باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرگەندە، ھەممە ئىشتا پەرقلەندۈرمەيلا تولۇق قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن، مەسىلەن: ئاياللار يۈزىنى ئوچۇق قويماسلىقى، يەنە ئىشلەپ پۇل تاپماسلىقى كېرەك، چۈنكى «مۇسۇلمانچە ئەمەس».

ئېرىدىن ئازراق پۇل ئېلىپ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلگەندىن باشقا، راھىلەمخان ئاساسەن دېگۈدەك ئۆيىدىن چىقمايتتى. 2018- يىلىنىڭ بېشىدا، ئانا تەرەپ تۇغقانلىرى ئۇنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدى: سەن كېسەل ئادەملەردەك بولۇپ قاپسەن، ئازراقمۇ روھلۇق كۆرۈنمەيسەنغۇ؟ تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ناھىيەدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.

تەربىيەلەش مەركىزىدە بىر مەزگىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، راھىلەمخان پۈتۈنلەي يېپيېڭى ئۆزىنى بايقىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىۋالدىم، بىر قىسىم مالىيە باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئىگىلىدىم، قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈۋالدىم، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇۋالدىم».

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، راھىلەمخان گەپدان، خۇش چاقچاق بولۇپ كەتتى، يەنە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىۋالدى. «مەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنى ئويناپلا قالماي، زامانىۋى ئۇسسۇلمۇ ئوينىيالايمەن» دېدى راھىلەمخان يايراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

راھىلەمخاننىڭ ئېرى ئېزىز بەيدۇللا ئىلگىرى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى ئۇششاق تىجارىتى قىلاتتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نىمكەش ماللار بازىرىدىن مال ئېلىپ كېلىپ ساتاتتى، ماللىرىنىڭ باھاسى ئەرزان، پايدىسى ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ كېلىشتىكى قاتناش ھەققى ۋە ماللارنىڭ توشۇش ھەققىنى چىقىرىۋەتكەندە، كۆپ پۇل تاپالمايتتى.

بۇلتۇر ياز پەسلىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندا، راھىلەمخان تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، كېرىيە ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچە رايونىدا بىر كىچىك تاللا بازىرى ئاچتى. ئۇ تاللا بازىرىنى ناھايىتى ئېدىتلىق باشقۇردى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشتى.

يەنە بۇلتۇر يازدا، ئېزىزمۇ دۇكىنىنى كېڭەيتىشنى، يېڭى مەھسۇلات سېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن دوستلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دۇكان ئىجارىسى، ئادەم كۈچى تەننەرخى بەك يۇقىرى، ياخشى قىلالمىساڭ زىيان تارتىسەن دېيىشتى» دېدى ئېزىز. بۇ ۋاقىتتا، راھىلەمخان ئېرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن، بۈگۈنكى 2000 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ دۇكان بار بولدى.

دۇكان تىجارىتى قىزىپ كەتتى

راھىلەمخان مۇخبىرنى باشلاپ دۇكاننى زىيارەت قىلغۇزدى، 1- قەۋىتى ھەر خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، 2- قەۋىتى ئۆي جاھازلىرى بولۇپ، ئالىي، ئوتتۇراھال، تۆۋەن دەرىجىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. «ئەسلىدىكى نىمكەش ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىمدىكى ئەڭ قىممىتى 1000 يۈەن ئۆپچۆرىسىدىكى كونا توڭلاتقۇ ئىدى، ھازىر دۇكىنىمىزدا 25 مىڭ يۈەنلىك ھاۋا تەڭشىگۈچ بار.» بۈگۈنكى كۈندىكى راھىلەمخان دۇكاننىڭ مالىيە ئىشلىرىنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ماللارنى پىششىق بىلىدىكەن.

راھىلەمخان مۇنداق دېدى: بۇ دۇكان خوتەن شەھىرىدىكى بىر كارخانا بىلەن پاي قوشۇپ تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئايرىم - ئايرىم %50 مەبلەغ چىقارغان، ئەينى چاغدا تەربىيەلەش مەركىزى ۋە مەھەللىنىڭ ياردىمىدە بانكىدىن 350 مىڭ يۈەن قەرز ئالدۇق، تىجارەت قىلغان بىر يىلدىن بۇيان 200 مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇرۇپ بولدۇق. ھازىر دۇكاندا 25 ئىشچى - خىزمەتچى بار بولۇپ، خادىملار، مالىيە ئىشلىرى باش دۇكاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ، يەنە باش دۇكاننىڭ تۈرلۈك سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمىز.

«بىز بىر مەزگىل ئۆتكەندە بىر قېتىم سېتىشنى تېزلىتىشنى يولغا قويۇپ، خېرىدارلارنى جەلپ قىلىمىز.» راھىلەمخان مۇنداق دېدى: يېڭى دۇكان تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، سېتىشنى تېزلىتىش مۇكاپات بۇيۇمىدىنلا نۇرغۇنى سوۋغا قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىرئالغۇ قاتارلىق چوڭ نەرسىلەر بار، يەنە توك قازان قاتارلىق كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىمۇ بار. لېكىن ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەڭ مۇھىمى خېرىدارلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئىكەن، دۇكاندا مال يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىدىن ئۈچى بار بولۇپ، خېرىدارلارغا ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن، يەنە مەخسۇس رېمونت قىلىش ئەترىتى بار ئىكەن.

دۇكاندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن يەتتىسى نامرات ئائىلىدىن ئىكەن. ئاينۇر مەسۇم كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى رايونىنىڭ خېرىدار باشلىغۇچىسى، شۇنداقلا دۇكاندىكى مۇنەۋۋەر خېرىدار باشلىغۇچى بولۇپ، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى 3000 يۈەنگە يېقىن ئىكەن. «يېڭى كەلگەندە، راھىلەمخان ماڭا خېرىدارلارغا مەھسۇلاتلارنى قانداق تونۇشتۇرۇشنى، قانداق تونۇشتۇرۇپ سېتىشنى ئۆگەتتى. خىزمەت بىلەن پىششىق تونۇشقاندىن كېيىن، مېنىڭ نەتىجەم بارغانسېرى ياخشى بولدى، تاپقان پۇلۇم بارغانسېرى كۆپەيدى» دېدى ئۇ.

سېتىش زالىنىڭ مۇدىرى مەمەت بارات راھىلەمخان بىلەن ئوخشاش پاسوندىكى خىزمەت فورمىسى كىيگەن، خىزمەت ئىزنىكىمۇ تاقىۋالغانىدى. «شىركەتنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى چىڭ بولۇپ، خىزمەت ئىزنىكىنى تاقىمىساق 50 يۈەن تۇتۇۋالىدۇ.» ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەنمۇ ئىلگىرى نامرات ئائىلىدىن ئىدىم، ھازىر مۇقىم خىزمىتىم ۋە كىرىمىم بار بولدى، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى.

كۆپچىلىك ھەممىسى راھىلەمخانغا ناھايىتى قايىل، چۈنكى ئۇ پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەيدۇ، بازارغا بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، يەنە مالىيە باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشنى پىششىق بىلىدۇ. «بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق 20دىن ئارتۇق سۈپەتلىك ماركىدىكى 2000دىن ئارتۇق تاۋارنى باشقۇرىمەن، تالون كېسىش، مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش، مالىيە كىرىم - چىقىمى، خېرىدارلار ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى بىر قاراپلا چۈشىنىمەن» دېدى راھىلەمخان. يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى ئىگىلەشكە راھىلەمخان جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى، تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە ئۇ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەچكە، ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدى.

ئۈمىدكە تولغان تۇرمۇش كەچۈردى

«راھىلەمخان ھازىر ھەم چىرايلىق، ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، بىز ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىمىز» دېدى ئېزىز چىن قەلبىدىن. راھىلەمخانمۇ ئالدىراش يۈرۈشنى ياقتۇرىدۇ، ھەربىر كۈننى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.

«دەسلەپتە دۇكاننى كېڭەيتكەندە، سىز نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئىشەنچكە تولغان ئىدىڭىز؟» دەپ سورىدى مۇخبىر. راھىلەمخان مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش مەركىزىدە مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئۆگىنىپ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىنى ئىگىلىدىم، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى چىرايلىقلاشتى، ئۆيلىرىمۇ چوقۇم شۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈزەللىشىدۇ، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجمۇ جەزمەن ناھايىتى زور بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، دۇكاننىڭ سېتىش ئەھۋالى ئۇنىڭ ھۆكۈمىنى ئىسپاتلىدى. بۇ يازدا، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئەڭ ياخشى سېتىلدى، نۇرغۇن دېھقان تاللاپ سېتىۋېلىشقا كەلدى، ھازىرغا قەدەر 200 نەچچىسى سېتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا دېھقانلارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلەردىن توك قازان ۋە تولۇق ئاپتوماتىك كىرئالغۇ بار، ئوتتۇرا ھال دەرىجىلىك ئۆي جاھازلىرىنىڭ سېتىلىشىمۇ خېلى ياخشى.

مۇخبىر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، راھىلەمخاننىڭ يان تېلېفونىدىن ئاۋازلىق ئەسكەرتىش ئۈزۈلمىدى، ئۇ سانائەت باغچە رايونى تاللا بازىرىنىڭ ئۈندىداردا پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ئەسكەرتمىسى ئىدى. يېڭى دۇكان رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن زېھنىنى بۇ يەرگە سەرپ قىلىپ، تاللا بازىرىنى خىزمەتچىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى ئىشلىتىدىغان يان تېلېفونى 100 نەچچە يۈەنلىك نىمكەش تېلېفون ئىدى، ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئۇنىڭ خەۋەر كۆرۈش، توردىن مال سېتىۋېلىش، كىنو كۆرۈشىدىكى ياخشى ياردەمچىگە ئايلاندى، ئۇ مۇخبىرغا يان تېلېفونىغا قاچىلىغان دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ياردەمچىسى APP سىنى ئالايىتەن كۆرسىتىپ قويدى، ھەر كۈنى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىدىكەن.

«ئىلگىرى بەك خۇنۈك ياشاپتىكەنمەن، ھازىر بىلسەم تۇرمۇش نەقەدەر مول، رەڭدار ئىكەن!» دېدى راھىلەمخان يان تېلېفونىنى كۆتۈرگىنىچە چىن قەلبىدىن سۆزلەپ. توردىن مال سېتىۋېلىش تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ قىزىقىشى كۈچەيدى، گەپ قىلىش سۈرئىتىمۇ تېزلەشتى، ئەسلىدە ئۇ ۋە خىزمەتچىلەر كىيگەن خىزمەت فورمىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ توردىن تاللاپ سېتىۋالغانىدى.

بۈگۈنكى راھىلەمخان ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇل تېپىشتىنمۇ مۇھىم بولغىنى بىلىم ئېلىش بولۇپ، ۋاقتى چىقسىلا ئوغلى بىلەن بىللە كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرۈپ، كىتاب سېتىۋېلىپ، بالىسىغا پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. «سىز مېنىڭدىن قانداق تۇرمۇشنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز، مېنىڭچە ھازىرقى تۇرمۇشۇم ئەڭ ياخشى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى ئۈمىدكە تولغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى راھىلەمخان ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4