«خۇەيخې دەرياسىنى چوقۇم ياخشى ئوڭشاش كېرەك»

1950- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، جېڭۋۇيۈەن «خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنلاردا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ساقلاش - قويۇپ بېرىشنى تەڭ پىلانلاشنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقتى. يېڭى جۇڭگونىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدىكى تۇنجى چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

1950 - يىلى 7 -، 8 - ئايلاردا، خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىدا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەردى. خېنەن، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدە جەمئىي 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 40 مىليون مودىن ئارتۇق يەرنى سۇ بېسىپ كەتتى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ مۇنداق تەستىقىي يوليورۇق بەردى: «نۆۋەتتە ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇشتىن باشقا، جەزمەن نېگىزىدىن تۈزەش چارىسىنى ئويلىشىش كېرەك، ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىپ، كۈزدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە خۇەيخې دەرياسى سۈيىنى باشلاش قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ، بىر يىل ئىچىدە خۇەيخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاشنى تاماملاپ، كېلەر يىلىدىكى سۇ ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىش كېرەك».

پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمىدە، خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەشنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى 1950 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلاندى. نەچچە يۈز مىڭ خەلق ئىشچىسى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىك خادىمى خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا جەڭ قىلدى. 1951 - يىلى 5 - ئايدا، مەركەز خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش تەكشۈرۈش ئۆمىكى ماۋ زېدۇڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان «خۇەيخې دەرياسىنى چوقۇم ياخشى ئوڭشاش كېرەك» دېگەن بېغىشلىما بېسىلغان تۆت لەۋھەنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش كومىتېتى ۋە خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەشتىكى ئۈچ قوماندانلىق ئىشتابىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش چوڭ قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ناھايىتى زور ئىلھام بەردى. 1951 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي تاماملاندى. بۇ قارارلىق قۇرۇلۇشتا كەلكۈن سۈيىنى ساقلاش، توسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دەريا يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېرىق قېزىش قاتارلىق توپا قۇرۇلۇشىدىن تەخمىنەن 195 مىليون كۇب مېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە ئېرىق قېزىش توپا قۇرۇلۇشىدىن تەخمىنەن 100 مىليون كۇب مېتىر)، شىمەنتەن تاغ جىلغىسى سۇ ئامبىرىدىن بىرى، بەنچياۋ، بەيشادىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى تاغ جىلغىسى سۇ ئامبىرىنىڭ بىر قىسمى، رۇنخې كەلكۈن سۈيىنى ساقلاش، سۇ بۆلۈش تومىسىدىن بىرى، باشقا چوڭ - كىچىك سۈڭگۈچتىن 62سى، جىلغا دامبىسىدىن 155ى تاماملاندى.

خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، 1951 - يىلى خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىدا مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى. خۇشاللىققا چۆمگەن دېھقانلار بەس - بەستە ماۋ زېدۇڭغا خەت يېزىپ مول ھوسۇل ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

1951 - يىلى قىشتا، خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلق يەنە خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى جېڭىگە ئاتلاندى. 1952 - يىلى 7 - ئايدا، خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشتى؛ 1953 - يىلىدىكى خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي تەييارلىقى يەنە باشلاندى.

سەككىز يىل بوشاشماي تۈزەش ئارقىلىق، 1957 - يىلى قىشقىچە دۆلەت جەمئىي 1 مىليارد 240 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 175 چوڭ - كىچىك دەريا يولىنى تۈزىدى، توققۇز سۇ ئامبىرى ياسىدى، ئامبار سىغىمى 31 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى، يەنە 4600 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇداپىئە توسمىسى ياساپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن ئاققۇزۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4