ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىن جۇڭگونىڭ كۆڭلى - كۆكسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ

جۇڭ شېڭ

«زىچ جاكارلانغان بىر قاتار ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرى جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز دەرىجىسى ئۆسۈۋاتقان جۇڭگو - ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى ئالدىدىمۇ، يەنىلا سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى» «بېيجىڭ قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرگە: جۇڭگو سودا ئىشلىرىغا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن» دەپ سىگنال تارقاتتى... يېقىندا، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنى زىچ ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشتىكى ئېنىقلىقى بىلەن تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئەركىن سودىنى قوغداش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئاياغ تىۋىشى تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك بولدى. شېنجېن جۇڭگوچە سوتسىيالىسىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشقا قەدەم باستى؛ شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى لىنگاڭ يېڭى تەۋەلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى؛ شەندۇڭ، جياڭسۇ، گۇاڭشى، خېبېي، يۈننەن، خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئالتە ئەركىن سودا سىناق رايونىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى؛ مەركەز مالىيە كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىق داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا، تېخىمۇ يۇقىرى قۇشۇلما قىممەتكە ئىگە كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش تەكىتلەندى؛ گوۋۇيۈەن ئوبوروتنى تېزدىن راۋاجلاندۇرۇپ سودا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ئوتتۇرىغا قويدى... تەرەققىيات بوشلۇقى كېڭەيتىلىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلىپ، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، كەڭ دائىرىلىك ئاكتىپ ئىنكاسقا ئېرىشتى. سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى يەتتە ئايدا، جۇڭگو يېڭىدىن تەسىس قىلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 24 مىڭدىن ئېشىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 530 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشقان. گېرمانىيە، كورېيە، ياپونىيە، گوللاندىيەنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %72.4، %69.7، %12.6، %14.3 ئاشقان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ئەمەلىي سالغان چەت ئەل مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشقان؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا ئەمەلىي سالغان چەت ئەل مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان... ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە ئىشىنىپ، ئۇنى قوللاپ، داۋاملىق جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدىكەن. ئامېرىكىدىكى «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى» تور پونكىتىنىڭ ماقالىسىدە خۇرسىنغان ھالدا: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «دۇنيادىكى باشقا جايلارنى ئۈزلۈكسىز ئىتتىرىۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپكە ئىتتىرىپ قويۇۋاتىدۇ» دېيىلدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن ئاچقۇچلۇق تەدبىر. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇنداق چوڭ دۆلەتكە خاس كۆڭۈل - كۆكسى تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، مەيلى خەلقئارا مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ ئۆز رىتىمى ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ.

(2019- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4