ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش  يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش

1950- يىلى 6- ئايدا، چاۋشيەندە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نى توپلاپ قوراللىق ئارىلاشتى ھەم دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 7- پاراخوت ئەترىتىنى ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىغا بېسىپ كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسى 38 - پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يالۇجياڭ دەرياسىغا قىستاپ كەلدى ھەم ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال چېگراسىنى بومباردىمان قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالدى. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگو ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك جىددىي ۋەزىپىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، قايتا - قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق، 10- ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك قارارنى چىقاردى.

1950- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى بۇيرۇققا بىنائەن چاۋشيەن جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ، چاۋشيەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى، 1951- يىلى 6- ئايغىچە، يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئىلگىرى - كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»گە قارشى بەش قېتىملىق چوڭ جەڭ ئېلىپ بېرىپ، دۈشمەننىڭ جەمئىي 230 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، جەڭ سېپىنى 38 - پاراللېل ئەتراپىدىكى رايونلاردا مۇقىملاشتۇردى. بۇ مەيدان ئۇرۇشتا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىن سانسىزلىغان قەھرىمانلار مەيدانغا كەلدى: لو شېڭجياۋ، خۇاڭ جىگۇاڭ، ياڭ گېنسى، چيۇ شاۋيۈن...چاۋشيەن خەلقى ئۈچۈن، ئىنتېرناتسىيونالىزملىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوغلى ماۋ ئەنيىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قەھرىمان چاۋشيەن زېمىنىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلىشى بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچىدە داغدۇغىلىق ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى قوزغالدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى خەلق بەس - بەستە ھەربىي سەپكە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى، ئايروپىلان، زەمبىرەك ئىئانە قىلدى، پىدائىي قىسىمدىن ھال سورىدى، ۋەتەننى سۆيۈش ئەھدىنامىسى تۈزدى، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ ئىقتىساد قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىشقا كۈچلۈك ياردەم بەردى.

1951- يىلى 7- ئايدا، چاۋشيەن ئۇرۇشى «بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىش، بىر تەرەپتىن سۆھبەتلىشىش» باسقۇچىغا كىردى. ئىككى يىل تىركىشىش ئارقىلىق، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ 1953- يىلى 7- ئايدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا ئۇلۇغ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى.

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشى تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەققانىي ھەرىكەت. بۇ مەيدان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يەڭگىلى بولمايدۇ، دېگەن ئەپسانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئىناۋىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ئىشەنچى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۆستۈردى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى مىسلىسىز ئۆسۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن نىسبەتەن مۇقىم تىنچ مۇھىت قولغا كەلتۈرۈلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4