جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2016- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى تۈزۈم مىزانى بىلەن تەمىنلەپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جەزمەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرگەندە جەزمەن قاتتىق بولۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆتكۈر قوراللىق رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، مەركىزىي كومىتېتنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش تۈپ پىرىنسىپ ۋە باش ۋەزىپە قىلىنىپ، دىققەت پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قاتتىق بولۇشنى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا كۆرۈلگەن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق، ئومۇملاشتۇرۇۋېتىش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، دەل جايىدا بولۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھوقۇق بولغان ئىكەن چوقۇم مەسئۇلىيەت بولۇش، مەسئۇلىيەت بولغان ئىكەن چوقۇم زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنى قاتتىق تۇرغۇزۇش كېرەك. «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىشكە تەشكىللەپ، ھەقىقىي تۈردە «نىزام»نىڭ تەلىپىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا)لىرى نازارەت قىلىش مەخسۇس مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى مەۋقەنى ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، دادىللىق بىلەن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا)لىرى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش ۋە ۋاكالىتەن ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزۈپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4