جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت ماللىرى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا «غەربكە يول ئالدى»

9- ئاينىڭ 4- كۈنى، تۇنجى قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت ماللىرى لىققىدە قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

(مۇخبىرىمىز چىن مېيخۇا فوتوسى)

مۇخبىرلىرىمىز چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك مۇرابباسى قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، ئالاتاۋ ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، رۇسىيە پايتەختى موسكۋاغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «چوڭ ئائىلىسى»گە كىرگۈزۈلۈشى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلار مەھسۇلاتىنىڭ «غەربكە يول ئېلىش»ىغا يەنە بىر قولايلىق يول ئاچتى.

بۇ نۆۋەتچى پويىز 9- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇنجى يولغا چىققان «خوتەن - قەشقەر - ئۈرۈمچى يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزى» بىلەن قايتا گۇرۇپپىلانغان بولۇپ، نۆۋەتچى پويىز قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئاقسۇ، يەنجىلەردىن يول بويى يۈك يىغىپ، ئۈچ كۈندە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى، بۇ ماللار باشقا ماللار بىلەن بىللە پويىزغا قاچىلانغاندىن كېيىن، ئالاتاۋ ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا چىقىرىلىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئېغىر نامرات رايون، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يۆلىشىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار يېتىشتۈرۈلدى، قۇرۇلدى، مەھسۇلاتلىرى رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى.

ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن ياۋروپا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ كۆپىنچىسى دېڭىز بويىدىكى پورتلارغا توشۇلۇپ، دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق يەتكۈزۈلەتتى. قاغىلىق شىنيىيۈەن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۆرۈك مۇرابباسى ئىلگىرى دەل دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق رۇسىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق بازارلارغا توشۇلاتتى، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆرۈك مۇرابباسى تۇنجى قېتىم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ چېگرادىن چىقتى. بۇ شىركەت بۇ قېتىم 12 كونتېينېر يۈكنى توشۇغان بولۇپ، توشۇلۇش ۋاقتى مۆلچەرلىنىشىچە دېڭىز تىرانسپورتىدىكىدىن ئۈچتىن ئىككى قىسىم قىسقىرايدىكەن.

«جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كارخانىلار ئۆمەكلىشىپ يۈك نۆۋەتچى پويىزىنى قاتنىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مال مەنبەسىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە ئۈنۈملۈك يىغىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆلىمى كەڭ، مال مەنبەسى تارقاق، تىرانسپورت تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ سىرتقى رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتتى.» شىنجاڭ شىنتيې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: «خوتەن - قەشقەر - ئۈرۈمچى يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزى» ھەر ھەپتىدە مۇقىم نۆۋەتچى پويىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر كۈنى ۋاگون قوشۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ دائىملاشتۇرۇپ توشۇيدۇ، ھەر ھەپتىدە بىر نۆۋەت قاتنايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى خې گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى كونكرېت تەدبىر بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ «سىرتقا چىقىش»نى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىنى ئېچىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ تاشقى سودا مەھسۇلاتىنىڭ ئېكسپورت يولىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىرغىچە ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى جەمئىي 2521 نۆۋەت جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى قاتناتقان، نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 23نى ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 18 دۆلەت، 26 شەھەرگە تۇتاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4