تاموژنا بېجى كالتىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىيالمايدۇ

جۇڭ شېڭ

ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچ ۋە ئېلاستىكلىقلىقنى تىرەك قىلغان تولۇپ تاشقان جاسارىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئەركىن سودا ۋە قائىدىنى ئاساس قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

جۇڭگو 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بار چوڭ بازار، دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ زور ئوتتۇرا كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلمەكتە، ئىستېمال بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان ئەزالىق تۈزۈمىدىكى سېتىش مەيدانى كوستكونىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى دۇكىنى تىجارەت باشلىدى، سودىسىنىڭ ئاۋاتلىق دەرىجىسى غەربتىكى ئاممىۋى پىكىرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى − جۇڭگو بازىرىدىكى پايدىلىق ئامىلنىڭ تەسىرىدە، كوستكونىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى ئىككى كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 7 مىليارد 800 مىليون دوللار ئاشتى. ئامېرىكا پېڭبو ئاخبارات ئاگېنتلىقى باھا بەرگەندەك: «سودا ئۇرۇشى بولۇش - بولماسلىقتىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىستېمالچىلارغا ئەگىشىپ جۇڭگوغا بارىدۇ».

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى جۇڭگونى چەت ئەل كارخانىلىرى سەل قارىسا بولمايدىغان سېلىنما مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلاندۇردى. «ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە قانداقمۇ كۆزى قىيسۇن»، بۇ، سانسىزلىغان كەسىپ ئىچى - سىرتىدىكى زاتلارنىڭ قەلب ساداسى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سودىدىكى دۈشمەنلىشىش غەرىزى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ئىستېمال بازىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى سېلىنمىسى يەنىلا ئاشماقتا، «<بايلىق> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكىدىكى 1000 كۈچلۈك شىركەت... ھەممىسى جۇڭگو بىلەن سودا قىلىۋاتىدۇ ھەمدە جۇڭگودىكى كەسپىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ»، چۈنكى «ئۇلار جۇڭگونىڭ داۋاملىق دۇنيادىكى ئەڭ جانلىق ياساش مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ».

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلغان بازار كۈچى ئارقىلىق بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكا كارخانىلىرىنى جۇڭگودىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشنى جار سېلىپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان، ئورتاق پايدا ئېلىشقا ئىنتىلىدىغان دەۋر ئېقىمىنى كەينىگە ياندۇرالمايدۇ. ئامېرىكا - جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %97 ئامېرىكا كارخانىسى جۇڭگو بازىرىدا پايدا ئالغان. بۇ كومىتېتنىڭ كومىتېت باشلىقى كىرائىگ ئاللېن ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «ئۇ يەر(جۇڭگو)دىكى كۆپ سانلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئايانكى، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە، جۇڭگو يەنىلا يەر شارىۋى ئېشىشتىكى ئاساسلىق موتورلارنىڭ بىرى بولىدۇ.» روشەنكى، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەنلىك، پۇرسەت بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەنلىك، كەلگۈسى بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەنلىك، ئامېرىكا كارخانىلىرى بۇنى ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەردىنمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتكەن.

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قاراپ، جۇڭگو بازىرىدىكى پۇرسەتكە ئەھمىيەت بېرىش دۇنيادىكى زور كۆپ ساندىكى كارخانىنىڭ ئورتاق تونۇشى. يېقىندىن بۇيان، «جۇڭگو بازىرىغا يۈرۈش قىلىش» توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى − گېرمانىيە پارچە سېتىش كەسپىدىكى ماگنات ئاۋلېچى جۇڭگودا بازار ئىگىلەش ئۈچۈن يېڭى قەدەم تاشلىدى، ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە جاھازلىرى زەنجىرسىمان دۇكىنى سىنياۋ جۇشى ئۇيۇشمىسى 2032 - يىلىغا بارغاندا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 1000 دۇكان ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئېكسون موبىل شىركىتى جۇڭگودا چوڭ تىپتىكى شېرىكسىز مەبلەغدىكى نېفىت خىمىيە تۈرىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى... جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمىنى مۇستەھكەملىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ سېھرىي كۈچى بارغانسېرى ئاشماقتا، بۇمۇ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگونىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشقانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى.

جۇڭگو بازىرىنىڭ سېھرىي كۈچى توغرىسىدىكى ھېكايە پۇرسەت بىلەن ۋەزىيەتنىڭ لوگىكىسى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىزاھلاپ بەردى، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈردى. ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چوڭ ۋەزىيەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان ھەرقانداق غەرىزى قانۇنىيەتكە خىلاپ قىلمىش، ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ.

(2019- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4