كىشىلەر كىملىك بېجىرىشتە ئاز قاترايدىغان بولدى

− بىر كىملىكتە ئەكس ئەتكەن خەلق تۇرمۇشى ئىللىق ئېقىمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ماۋ شىن، شيۇڭ فېڭ

(1)

8- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، توققۇز كۈندىن كېيىن ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان كىملىكىنى ئېلىپ، شىئەنلىك يىگىت جۇ جىۋېن گۇاڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خەيجۇ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ كىملىك بېجىرىش زالىغا كېلىپ، يېڭى كىملىك بېجىرمەكچى بولدى.

بېجىرگىلى بولامدۇ - يوق؟ جۇ جىۋېننىڭ كۆڭلىدە سان يوق ئىدى. بىرىنچىدىن، ئۇ پەقەت گۇاڭجوۋدىكى شىركەت باش ئىشتابىغا تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلمايتتى، تۇرمۇش كەچۈرمەيتتى؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزى مۇلازىمەت قىلىدىغان 2- دەرىجىلىك شىركەتمۇ گۇاڭجوۋدا رويخەتكە ئېلىنمىغان بولۇپ، گۇاڭجوۋنىڭ باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىك بېجىرىش شەرتىگە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيتتى.

ئۇ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى: ئەگەر بېجىرەلمىسەم، يۇرتۇمغا قايتىپ بېجىرەرمەن!

گۇاڭجوۋدىن شىئەنگە 1600 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، ئايروپىلاندا ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا يەتتە يېرىم سائەت، ئادەتتىكى پويىزدا 22 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، بىر قېتىم بېرىپ - كېلىش ئۈچۈن ئۈچ - تۆت كۈن ۋاقىت، 500 يۈەندىن 2000 يۈەندىن كۆپرەككىچە پۇل كېتەتتى.

«مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل بولسۇن، ھەممىسىگە پۇل، ۋاقىت كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتكە دەخلى يېتەتتى» دېدى جۇ جىۋېن.

كىملىك بېجىرىش جەريانى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىن كۆپ ئوڭۇشلۇق بولدى. نوپۇس ساقچىسى پېڭ سۇيۈن جۇ جىۋېننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر نۇسخا گۇاڭجوۋدا تۇرۇۋاتقانلىق ئىسپاتى تولدۇرغۇزۇپلا، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى.

جەدۋەل تولدۇرۇش، ئىمزا قويۇش، بارماق ئىزىنى كىرگۈزۈش، ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇش، قىسقىغىنا ئون مىنۇتتا جۇ جىۋېن بارلىق رەسمىيەتنى بېجىرىپ بولۇپ، تالوننى ئالدى.

ئىلگىرىكى ئۈچ - تۆت كۈندىن ھازىرقى ئون مىنۇتقىچە، كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش جۇ جىۋېنغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ كىشىنى كىملىك بېجىرىش يولىدىكى قاتراش ئازابىدىن خالاس قىلدى.

«ئىلگىرى باشقا جايدا كىملىك بېجىرگىلى بولمايتتى، بۇنىڭدىكى تۈگۈن ھەرقايسى جايلارنىڭ نوپۇس سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تۇتاشتۇرۇلمىغان بولۇپ، باشقا جايدا سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايتتى.» پېڭ سۇيۈن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئۇچۇر راۋانلىشىپ، سانلىق مەلۇماتلار كۆپ «قاتراپ»، ئامما قايتا قاترىمايدىغان بولدى.

ئىلگىرى، باشقا جايدا ئالدىراش تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىملىكنى يىتتۈرۈپ قويۇش، قەرەلى توشۇپ قېلىشتەك «ئېيتقۇسىز ئازاب»نى ھەممىسى دېگۈدەك باشتىن كەچۈرگەن: مىڭبىرمۇشەققەتتە بىر قېتىم قايتىپ، پۇل، ۋاقىت، كۈچ سەرپ قىلىپ، ناۋادا ماتېرىيال تولۇق بولماي قالسا، بىكار قاترايتتى. گۇاڭجوۋغا كېلىپ خىزمەت قىلغان ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم كىملىكىنى يوقىتىپ قويغان جاڭ مياۋ كىملىك تولۇقلاپ بېجىرىشنىڭ ئىككى خىل «تەم»ىنى تېتىغان.

جاڭ مياۋنىڭ يۇرتى خېبېي باۋدىڭ. 2016- يىلى، ئۇ ئەمدىلا گۇاڭجوۋغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندا كىملىكىنى يوقىتىپ قويغان، ئۇ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، پەقەت بىرلا تاللاش بارلىقىنى بىلگەن: ئەسلىي نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىغا قايتىپ بېجىرىش كېرەك ئىدى.

«ئەينى چاغدا دەل چاغانلىق توشۇش مەزگىلى ئىدى، مەن مۇددەتتىن بۇرۇن رۇخسەت سوراپ، ۋوگزالدا ۋاقىتلىق كىملىك ئىسپاتى بېجىرىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم، مۇشۇنداق قىلىپ ئاندىن كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىردىم» دېدى جاڭ مياۋ ئەسلەپ.

ھالبۇكى، 2017- يىلى 8- ئايدا، جاڭ مياۋنىڭ كىملىكى يەنە يىتىپ كەتكەن. بۇ قېتىم ئەمدىلا چىقىرىلغان «كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش سىياسىتى» ئۇنى جىددىيلىكتىن قۇتقۇزۇپ قالغان. ئادەم قايتىپ بارماي، ئائىلىسىدىكىلەر نوپۇس دەپتىرىنى ئەۋەتىپ بەرسىلا بولاتتى. جاڭ مياۋ ناھايىتى تېزلا ئۆيىدىكىلەرگە نوپۇس دەپتىرىنى ئەۋەتكۈزدى، كىملىك بېجىرىش زالىدا بارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ، بىر ئايدىن كېيىن يېڭى كىملىكنى تاپشۇرۇۋالدى.

(2)

كىملىك بېجىرىشكە ئالاقىدار ئىشلار قارىماققا كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ، لېكىن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىگە پۈككەن خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش.

2015- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ۋە يىتتۈرۈپ قويغۇچىنى ئېلىۋېلىشقا چاقىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىر تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرى. ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەتقىق قىلىپ تەييارلىغان «كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ۋە يىتتۈرۈپ قويغۇچىنى ئېلىۋېلىشقا چاقىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ماقۇللاندى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاھالە كىملىك مۇلازىمىتى - باشقۇرۇش مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، «ئۇچۇرنى كۆپ قاترىتىپ، ئاممىنى ئاز قاتراتتى». كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش ئىسلاھاتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى −

2016- يىلى 7- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ۋە شارائىتى بار ناھىيە، شەھەرلەر ئاھالە كىملىكىنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى يولغا قويدى، پۇقرالار كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىشتە يىراق يوللارنى بېسىپ بېرىپ - كېلىپ قاترىمايدىغان بولدى؛

2017- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاھالە كىملىكىنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ۋە يىتتۈرۈپ قويغۇچىنى ئېلىۋېلىشقا چاقىرىش تۈزۈمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغانلىقىنى جاكارلىدى؛

2019- يىلى 3- ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، نوپۇس دەپتىرىنى زۆرۈر ماتېرىيال قاتارىغا كىرگۈزمەيدىغان بولدى؛

. . . . . .

ئۆزى قاتراشتىن نوپۇس دەپتىرى «قاتراش»قىچە، يەنە سانلىق مەلۇمات «قاتراش»قىچە، قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش تەرتىپى قايتا - قايتا ئاددىيلاشتۇرۇلدى.

«كىملىك يىتىپ كەتسە، قەرەلى توشسا، تۇرۇشلۇق جايدىكى يېقىن ئەتراپتا خالىغان چاغدا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى، بىر كوچىدىن يەنە بىر كوچىغا بېرىشقىچە پەقەت ئون نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ» دەپ بىلدۈردى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى جىڭشېڭ.

بۇ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ بىر پارچە نەتىجە قەغىزى: ھازىرغىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاھالە كىملىكىنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىپ بېجىرىش نۇقتىسىدىن 26 مىڭنى تەسىس قىلدى، باشقا جايدا بېجىرىلگەن ئاھالە كىملىكى جەمئىي 28 مىليوندىن ئاشتى.

(3)

پەن - تېخنىكا + ئالاقە تورى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتمەكتە. گۇاڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خەيجۇ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ كىملىك بېجىرىش زالىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 17 يىل بولغان پېڭ سۇيۈننىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئىلگىرى كۆزنەك پەقەت گۇاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىملىك بېجىرىش ئېھتىياجىنى قوبۇل قىلاتتىكەن، بۈگۈنكى كۈندە 10 مىليونغا يېقىن كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان بوپتۇ، ۋەزىپىسى خېلى كۆپ ئېغىرلىشىپتۇ، ئەمما ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالنىڭ خىزمەت يۈكىنى يېنىكلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىملىك بېجىرىش زالىنىڭ 1- قەۋىتىدىكى مۇلازىمسىز كىملىك بېجىرىش رايونىدا، پېڭ سۇيۈن بىر نەچچە ماشىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر بۇ بىر قانچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالدا بارلىق كىملىك بېجىرىش تەرتىپىنى تاماملىيالايدۇ.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باشقا جايدا قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، ئامما يېقىن ئەتراپتا ئالماشتۇرۇپ ئېلىش، تولۇقلاپ ئېلىش، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش، سۈرەتكە «كۆپ تارتىپ، ياخشىسىنى تاللاش»...كىچىككىنە كىملىك مىليونلىغان ئاممىنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەممە ئائىلىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق كىملىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن. كىملىك بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىملاش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشى، كۈچتىن قالغان كىملىك ئۇچۇرى سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى كىملىكنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى «قوش كاپالەت» بىلەن تەمىنلىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكى كىملىك ئىشلىتىدىغان تارماقلار بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىملىك ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، كىملىكنى ساختا ياساش، ئېلىپ - سېتىش، سۇيىئىستېمال قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 8- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4