سۈركىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق

جۇڭ شېڭ

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى كۆزەتكەندە، ئۆزئارا «سوقۇلىدىغان» ئۇچۇرلارنى بايقىماق ئەزەلدىن تەس ئەمەس. شۇ جاي ۋاقتى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو تاۋارلىرىدىن باسقۇچقا بۆلۈپ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىدىكى 160 تىن ئارتۇق سودا تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن «ئامېرىكا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى» ئامېرىكا رەھبىرىگە بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، جۇڭگو تاۋارلىرىدىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان بارلىق تاموژنا بېجىنى دەرھال كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئاقىلانىلىك بىلەن ئەقىلسىزلىقنىڭ كۈچ سىنىشىشى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. بىر نۆۋەت يەنە بىر نۆۋەت كۈچ سىناشقاندىن كېيىن، بىر دۆۋە سوئال كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلدى: ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە زادى نېمە؟ ھەل قىلىش چارىسى قەيەردە؟ ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر جاھىللىق بىلەن توغرا يولغا قايتىشقا ئۇنىماي، زادى نېمە قىلماقچى؟... ئەقىل - ئىدراك كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش قىلمىشى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قىلچە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ.

قارىماققا ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سودا تەتۈر پەرقىنى مۇتلەق تەھدىت دەپ قارىشى ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولسا كېرەك، پەقەت دوللار ھەميانغا شارىلداپ ئېقىپ كىرسە ئاندىن ئادىل بولىدىكەن. لېكىن، بىر مەھەل ئېلىشقاندىن كېيىن، دوللار نەگە كەتتى؟ تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، مال باھاسى ئۆرلەپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ يانچۇقىدىكى دوللار توختاۋسىز چىقىۋاتىدۇ. ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» تور بېكىتى ئېلان قىلغان ماقالىدە يەنە: «كىشىلەرنىڭ ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغىنى شۇكى، ھەقىقىي زور دەرىجىدە ئازايغىنى سودا بولماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغى بولدى» دېگەن يېڭى قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى سودىدىكى تەتۈر پەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ.

سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق، سۈركىلىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئەگەر بەزىلەر ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگونى بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولسا، چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئالدىدا يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدىغان مۇقەررەرلىك.

ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان تاللاش. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان سەمىمىيەت ۋە ھەرىكەت بىلەن، ھەقىقىي تۈردە ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا كېڭىشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، ھەرگىزمۇ خاتا يولدا ماڭغانسېرى ئۇزاپ كەتمەسلىك كېرەك. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىشىش مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولى، دەپ قاراپ كەلدى. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ قارشى ئالىدىغىنى دەل بۇ خىل ئاقىلانىلىكنىڭ كۈچى.

( 2019- يىل 8- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4