1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «1- تۈركۈمدىكى <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە، 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل باش تېما تەربىيەسىدە ئەڭ ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدىكى ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، قانۇنىيىتىنى ئەستايىدىل چۈشىنىپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېما تۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما»، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنى ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ رايون، شۇ ساھە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭىيىپ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە تۈزۈپ بېسىلغان باشقا ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ئائىت تىپىك مىساللاردىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىشى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا ئېدىتلاپ، تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىلگىرىلەش، ئۈنۈم ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىگىلىشى كېرەك. مەركەز بېكىتكەن سەككىز جەھەتتىكى مەخسۇس تۈردە تۈزەش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلىلەرنى جايىدا ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك پارتكوملار ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى، ئاساسىي قاتلامدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنى رەتلەپ، بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى ساھە، سىستېمىلار دىققەتنى ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزىتىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بىرقانچە نۇقتىلىق تۈرنى بېكىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. داۋاملاشما تۈزىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قايتا قاراپ چىقىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇ يىل 11- ئايدا، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار مەركەزنىڭ مەخسۇس تۈردە تۈزەش توغرىسىدىكى ھۆججەت تەلەپلىرى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىگە سېلىشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر «قايتا قاراپ چىقىپ»، ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى رەتلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، تۈزىتىش، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالغانلىرىنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇشى؛ تېخى ئورۇندالمىغانلىرىغا قارىتا، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ ئالغا سىلجىتىشى؛ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، ئامما رازى بولمىغانلىرىغا قارىتا «قايتا قاراپ چىقىپ»، «دەرس تولۇقلاپ»، مۆھلەت بېكىتىپ تۈزىتىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، شۇ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش - تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنىڭ كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، تۈزىتىش ۋەدىسىنىڭ بىرمۇبىر نەقلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4