شى جىنپىڭ خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇراتو بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، لى جۇڭفا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە بېيجىڭدا خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇراتو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋاسكېتبول دۇنيادىكى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتى بولۇپ، يەنە جۇڭگو خەلقى، ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. جۇڭگو ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ۋاسكېتبول ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىدۇ، خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم ئۇنتۇلغۇسىز بىر نۆۋەتلىك كاتتا تەنتەربىيە يىغىلىشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، تەنتەربىيە ئىشلىرىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تەنتەربىيە ھەم دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھەققانىيلىق، ھەم خەلقنىڭ ساغلام، بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

مۇراتو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قالتىس تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا ۋاسكېتبول تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر نۆۋەتلىك كاتتا ئىش بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ ۋاسكېتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، ياڭ جيېچى، سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4