جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە مېدالى تارقىتىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە مېدالى تارقىتىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە مېدالىنى تارقىتىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئائىت يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە مېدالى تۆۋەندە بايان قىلىنغان ئوبيېكتلار ئىچىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارغا تارقىتىلىدىكەن:

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، ھايات تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار؛

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت دەرىجىلىك تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شان - شەرەپكە ئېرىشكەن ھەم ھايات تۇرۇۋاتقان خادىملار؛

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا قاتنىشىپ شەرەپ بىلەن 1- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۆھپە يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم ھايات تۇرۇۋاتقان قىسىمدىكى خادىملار (ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كاتتا تۆھپە قوشقان خەلقئارالىق دوستلار.

2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن ۋاپات بولغانلار بۇ قېتىمقى تارقىتىش دائىرىسى ئىچىگە كىرىدۇ.

خاتىرە مېدالىغا ئالتۇن يالىتىلغان مىس ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، دىيامېتىرى 50 مىللىمېتىر بولۇپ، بەش يۇلتۇز، «70» لېنتىسى، ئىتتىپاقلىق گۈلى تۈگۈچى، رۇيى - قۇت بۇلۇتى ۋە نۇر ئاساسلىق ئامىل قىلىنغان، ئاساسىي رېڭى قىزىل رەڭ ۋە ئالتۇن رەڭ. مەركىزىي قىسىمدىكى بەش يۇلتۇز دۆلەتنىڭ شان - شەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «70» لېنتىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە سىمۋول قىلىنغان. ئىتتىپاقلىق گۈلى تۈگۈچى بەش يۇلتۇز بىلەن «70» لېنتىسىنىڭ ئەتراپىغا ئورالغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ. خاتىرە مېدال گەۋدىسىنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى رۇيى - قۇت بۇلۇتى، نۇردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە سىمۋول قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىشىدىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەدھىيەلەش ھەمدە 70 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا بېسىش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4