پايتەخت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق، قىزغىن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن

پايتەخت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق، قىزغىن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ، تەبرىكلەش يىغىنىدىن كېيىن كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئامما نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لو شا، بەي ياڭ) بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، پايتەخت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق، قىزغىن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھىرى، ھەربىي پارات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئورتاق قاتناشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ۋاڭ شياۋخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپە، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق نامايان قىلىدۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى ۋە سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى گەۋدىلىك نامايان قىلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ، تەبرىكلەش يىغىنىدىن كېيىن كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئامما نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچتە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا پايتەخت دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچىدۇ ھەم ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى ۋە ساليوت ئويۇنىنى كۆرىدۇ. خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق تارقىتىش - بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى قوغداشتا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان، ئەخلاق - پەزىلەتتە ئالىيجاناب، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىكلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە، ئەخلاق - پەزىلەتتە ئالىيجاناب، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «دوستلۇق ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى ئوردېن، مېدال، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىدۇ. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامىدا، خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك ھالدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش، كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ. خەلق سارىيىدا چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل، تارىخىي داستان شەكلىدە كۆرسىتىلىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. 9- ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ نامىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە مېدالى تارقىتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ، چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم ئىشلىنىپ كۆرسىتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېما قىلىنىپ، بىر يۈرۈش خاتىرە پۇل ۋە بىر يۈرۈش خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھەم داغدۇغىلىق، قىزغىن ھەم ئەمەلىيەتچىل، تېجەشلىك بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئىسراپچىلىق قىلىنمايدىكەن. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شەكلى كۆپ خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «سەلتەنەتلىك 70 يىل . كۈرەشچان يېڭى دەۋر» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى، كۈرەشچان يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەيدىغان ياڭراق مېلودىيەنى كۈچەپ ياڭرىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4