مېھراي مەمەتنىڭ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن يەنچياڭ

8- ئاينىڭ 12- كۈنى مېھراي مەمەتنىڭ 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، بۇ كۈنى، ئۇ بىرنەچچە ئاددىي ئەمما ئۆزىنى تەسىرلەندۈرىدىغان تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتى مېھراي ئائىلىسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن جاي ئىدى. 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى تيەن يۈ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ گۈزەل كىچىك كەنتتە مېھراي بىلەن تونۇشتى.

«چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان بىر قىزچاقنى ئۇچراتتىم، بۇ قىزچاق مەيلى چاي قۇيۇشتا بولسۇن ياكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا بولسۇن، ناھايىتى چاققان ئىكەن.» تيەن يۈنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا، مېھراينىڭ ئوچۇق - يورۇقلۇقى ۋە ئىشچانلىقى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇ «كىچىك زېرەكچاق» بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىشنى قارار قىلغان.

«ئىسمىڭىز نېمە؟» «ئىسمىم مېھراي مەمەت.» «بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟» «15 ياشقا كىرەي دېدىم!» «15 ياشقا كىرەي دېدىم دېگەن قانداق گەپ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى بىلىدىغانسىز!»

مېھراي خىجىل بولغىنىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى، ئالدىرىغىنىچە كىملىكىنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ: «8- ئاينىڭ 12- كۈنى. سەت بولدى، تۇغۇلغان كۈنۈمنى ناھايىتى ئاز ئۆتكۈزگەچكە، دەماللىققا ئەسلىيەلمىدىم!» دېدى.

تيەن يۈ بۇ كۈننى كۆڭلىدە ساقلىۋالدى. ئۇ مېھراي بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشتى، ئۇ سۆزلەپ بەرگەن تۇرمۇشىدىكى ئىشلار ۋە ئارزۇسىنى ئاڭلىدى.

مېھراينىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلىسىدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا - ھەدىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىدىكەن، قوشنىلار ئارامۇ ئۆزئارا ياردەملىشىدىكەن؛ ئانىسىنىڭ ئىشقا ناھايىتى ئېپى بار بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۇلارنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋېتىپتۇ، ئەمما ئانىسى «بىپەرۋا» بولۇپ، دائىم ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن؛ ئۇ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن، چۈنكى كىتابتا بىپايان كەڭ زېمىن بار؛ ئۇنىڭ ئارزۇسى كەلگۈسىدە بىر دوختۇر بولۇش بولۇپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلغۇسى بار ئىكەن...

گەرچە بىللە تۇرغان ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، بىراق تيەن يۈ بىلەن مېھراي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، دېيىشمەيدىغان گېپى يوق «قەدىناس دوستلار»دىن بولۇپ قالدى.

خوشلىشىدىغان چاغدا، تيەن يۈ ئىشىكنىڭ كېشىكىگە يۆلىنىپ تۇرغان مېھراينىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى. «تاغا، سىز كېيىن مېنى كۆرگىلى كېلەمسىز؟» دېدى مېھراي ئېسەدەپ تۇرۇپ.

تيەن يۈ مېھراينىڭ يېنىغا بېرىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «مېھراي، قاراڭ بىز مۇنداق قىلايلى بولامدۇ، بىز ئىككى ئائىلىدىكىلەر تۇغقان بولايلى، سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا ماڭا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ، بوش ۋاقتىم چىقسىلا مەن سىزنى كۆرگىلى كېلىمەن. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، دوختۇر بولۇش ئارزۇيىڭىزنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش».

ھويلىدا، ئىككىيلەن چىمچىلاقلىرىنى ئىلىشىپ تۇرۇپ، چىن كۆڭلى بىلەن ۋەدە بېرىشتى: «ۋەدىمىز ۋەدە بولسۇن، 100 يىلغىچە ئۆزگەرمىسۇن...» ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، تيەن يۈ بىلەن مېھراي ۋەدىلەشتى.

تيەن يۈ چاقىلىقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئارىلاپ - ئارىلاپ مېھرايغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى. ھەر قېتىم سۆزلىشىش ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى، مېھراي ئۇنىڭغا ھەمىشە: «تاغا، مېنى يوقلاپ كېلىشنى ئۇنتۇماڭ ھە!» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى قىلاتتى.

8- ئاينىڭ 12- كۈنى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى، بۇ كۈن مېھراينىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. مېھراينىڭ خۇشاللىقى چوڭ - كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرگەن مېھمانلارنىڭ ئۆيىگە كېلىشى بىلەن باشلاندى.

مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، يەنە بىر ناتونۇش كىشى بار ئىدى. «مېھراي، تيەن يۈ تاغىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟» دەپ سورىدى ناتونۇش كىشى مېھرايدىن. مېھراي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي، ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ماڭا تېلېفون قىلغان تۇرسا!»

«مەن سىزنىڭ تيەن يۈ تاغىڭىزنىڭ خىزمەتدىشى رەن جياڭپىڭ، تيەن تاغىڭىز خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي، ماڭا تەييارلاپ قويغان سوۋغىتىنى سىزگە ئەكىلىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلدى ھەم سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە بەخت تىلىدى!» دېدى رەن جياڭپىڭ.

«بۇ تورت، تيەن تاغىڭىز چوقۇم چوڭ تورتتىن بىرنى زاكاز قىلىشىمنى ئېيتقانىدى. تيەن تاغىڭىز سىزنىڭ <ئاق خالاتلىق پەرىشتە> بولۇشىڭىزنى ئېيتىپ، ئۇ سىزگە ئاق كۆڭلەك ئېلىپ بەردى. بۇ كىتاب، بۇ قەلەم، بۇ خاتىرە دەپتەر...» رەن جياڭپىڭ سۆزلىگەچ سوۋغاتلارنى بىر - بىرلەپ ئۈستەلگە يېيىپ قويدى، مېھراي تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە ياش ئالدى.

تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ياڭراپ، لىپىلدىغان شامنىڭ نۇرى مېھراينىڭ بەختلىك چېھرىنى يورۇتتى. «بۇ مەن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى، تيەن يۈ تاغامغا رەھمەت، تاغا - ھەدىلەر سىلەرگە رەھمەت، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، ئۆز ئارزۇيۇمنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن».

مېھراي تيەن يۈ تاغىسىغا تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: «رەھمەت سىزگە تيەن تاغا، سىز مېنى تۇيۇقسىز بەك خۇشال قىلىۋەتتىڭىز!» «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرساق، سىز يەنە ماڭا تەكەللۇپ قىلماڭ. ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، چوقۇم ياخشى ئوقۇڭ!» دېدى تيەن يۈ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4