ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا پائال ئىزدىنىش

شۈ گۇيشياڭ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقئارادىكى تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، قوبۇل قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈزبېرىشتىن بۇرۇن تۈگىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى. ئەسەبىي كۈچلەر خاتا تارىخ، مەدەنىيەت قارىشىنى ھە دەپ مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، بىر قىسىم ئاممىنىڭ قىممەت جەھەتتە چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى بۇرمىلىدى، خاتا يېتەكلىدى. ئادالەتنى ياقلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش، ئاساسنى پۇختىلاپ روھ يېتىلدۈرۈشتە، دىققەتنى قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز ۋە روھقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قۇياش نۇرىنى چېچىش كېرەك. جەزمەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا ئايرىلالمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان مەنىۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك.

سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «دىن ئىشلىرى نىزامى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق بىر قاتار قانۇن - نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، تۈزگەن ئالاقىدار سىياسەتلەر، قوللانغان ئالاقىدار تەدبىرلەردە قانۇن ئاساسى بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنىڭ ئەلرايى مۇداپىئە سېپى مۇستەھكەم قۇرۇلدى. ئەسەبىزمنىڭ خىرىس قىلىدىغىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى بولۇپ، ھەم مىللىي مەسىلە ئەمەس، ھەم دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەرگىزمۇ مۇئەييەن مىللەتكە، مۇئەييەن دىنغا قارىتىلمىغان. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، چوڭ خەنزۇچىلىق ۋە تار مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئەڭ زور چەكتە ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلاشتۇرۇلۇپ، ئەلرايى مايىل قىلىنىپ، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىن ئىشلىرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، دىن بىلەن دىنىي ئەسەبىزمنىڭ چەك - چېگراسى قاتتىق پەرقلەندۈرۈلۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىنىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى. ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى خالىغانچە ئايرىۋېتىش ھەمدە زامانغا لايىق تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىش قىلمىشىغا قارىتا، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىسى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان گۈزەل ھېسسىياتى ئۇرغۇتۇلۇپ، ساغلام، مەدەنىي بولغان جەمئىيەت مۇھىتى ئورتاق بەرپا قىلىندى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش - تۇرۇش، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە زامانىۋى شەكىلگە ئىنتىلىشى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىندى؛ زامانىۋى مەدەنىيلىك قارىشى زور كۈچ بىلەن تارقىتىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، زامانغا لايىق تۇرمۇشقا ئىنتىلىشكە يېتەكلىنىپ، ئەسەبىي ئىدىيەدىن يۇقۇملانغان ئامما تېررورىزمنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ئاتالمىش «ئىلاھىي ھاكىمىيەت، جەمەت ھوقۇقى»نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، كونا قائىدە، ناچار ئىللەتلەرنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نادانلىق، قالاقلىقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، روھىي ۋە قىزىقىش جەھەتتە زامانغا لايىقلىشىشقا، زامانىۋىلىشىشقا يېقىنلاشتۇرۇلدى.

ئۆتمۈشتىكىلەردىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئەڭ زور چەكتە ھۆرمەت قىلىندى ۋە كاپالەتلىك قىلىندى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئادىمىيلىك جەھەتتىن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقى ۋە كۆپ خىللاشقان ماھارەت تەربىيەسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە ھەرقانداق شەكىلدە ھاقارەت قىلىش ۋە خورلاش قاتتىق چەكلىنىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتىگە چېقىلماسلىققا تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى. تەربىيەنى تاماملىغان نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە ماھارىتى بىلەن مۇۋاپىق خىزمەت تېپىپ، مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. بىر قىسىم يامان غەرەزدىكى كىشىلەر شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلىدىغان «جازا لاگېرى» دەپ بىلجىرلىدى، بۇ پۈتۈنلەي بوھتان چاپلىغانلىق، ئىغۋا تارقاتقانلىق.

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى پۇختىلاندى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل ئۇچۇر ئالاقىسى راۋان بولماسلىق، تاشقى ئالاقە راۋان بولماسلىق، كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە بولۇش، ئىلىم - پەن بىلىملىرى كەمچىل بولۇش، مائارىپ ئاساسى ئاجىز بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قىيىن بولۇش قاتارلىق ھالەتتە تۇرغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇدا كۆپ يىل مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت تىنچ - ئىناق بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بولدى، مۇقىملىقنى ئويلاش، تەرەققىياتنى كۆزلەش جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

دۆلەت سىرتىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ يىغىنىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (60/288) توغرىسىدىكى قارارىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، «تېررورىزمنىڭ يامراش شارائىتىنى يوقىتىش، تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش»كە كۈچىدى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاساسلىق دىپلوماتلىرى ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلاردىن 40 نەچچە تۈركۈم (ئۆمەك، گۇرۇپپا) بولۇپ، 1000غا يېقىن كىشى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى. نۇرغۇن كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بولۇپ، كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئىنتايىن ئۆرنەكلىك قىممىتىگە ئىگە.

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم يامرايدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى توسۇپ، جەمئىيەت سىجىل مۇقىم بولۇش، چوڭ ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىش ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيادىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ جۇڭگوچە يولى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن، بۈگۈنكى دەۋرنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئېقىمىغا ئۇيغۇن بولۇپ، تامامەن توغرا.

(ئاپتور شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى)

(2019- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4