شىنجاڭدا دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت سىجىل قىزىدى

مۇخبىرىمىز رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بارلىق خادىملار ئىش ئورنىغا چىقىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى.» 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ چيۇڭياۋ مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە، بۇ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولۇپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكۈزدى.

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئالدىراش بولۇپلا قالماي، چاغاندىن باشلاپ، مەنزىرە رايونىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىزچىل ئالدىراش بولدى. ليۇ چيۇڭياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %40 ئەتراپىدا ئاشتى.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەرگە لىق تولۇشتەك مەنزىرە بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قاناس، تىيانشان بوغدا كۆلى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئادەم دولقۇنى تېخىمۇ مەۋج ئۇردى. 8- ئاينىڭ 10-، 11- كۈنلىرى ئىككى كۈندە، قاناس مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %23 ۋە %33 ئاشتى؛ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 25 مىڭ 852 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 ئاشتى، 8- ئاينىڭ 11- كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 28 مىڭ 242 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى، ھالبۇكى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى يەنە مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلىشى، يۇمشاق، قاتتىق دېتال سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئىزچىل ئېشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى. بۇ يىل دولان قەبىلە مەنزىرە رايونى 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ توغراق مەدەنىيەت سارىيى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى، دولان سارىيى، شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەركىزى قاتارلىقلارنى قۇردى.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، توقسۇ شامو خۇاخەي مەنزىرە رايونىدىكى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، 1500 ئاپتوموبىل سىغىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئاپتوموبىل بىلەن لىق تولدى. توقسۇ شامو خۇاخەي ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ لىنىڭ قارىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىدە، بۇ يىل مەنزىرە رايونىدا نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت تۈرلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن سىرت، مول مەزمۇنلۇق ساياھەت بايرىمى پائالىيەتلىرىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان.

دەم ئېلىش بۇرچىن ناھىيەسى ئۆتكۈزگەن 4- نۆۋەتلىك «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھىرى. بۇرچىن تەمى» مەززىلىك تائاملار بايرىمىغا توغرا كەلدى، دەريا قېشى كەچلىك بازىرى، جۇڭگو - رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ - ئادەت كوچىسى، تۆت پەسىل كەچلىك بازىرى ھەم خۇيشىن گوجى قاتارلىق مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا ساياھەتچىلەر ئارقا - ئارقىدىن كەلدى. «8- ئاينىڭ 10- كۈنى، ناھىيەمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 74 مىڭ 418 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.12 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كىرىمى 79 مىليون 211 مىڭ 400 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.08 ئاشتى» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يې سۇچىن.

قاناس مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، خېيلۇڭجياڭلىق ساياھەتچى جاڭ فۇچۇن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا: «شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل ئىكەن، شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونى... جاڭ فۇچۇن بىرىنچى قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى، ھەركۈنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە سۈرەت يوللاپ، نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش ئىستىكىنى قوزغىدى.

«سايرام كۆلى بەك گۈزەلكەن، خۇددى بۇ دۇنيادىكى سېھىرلىك ماكانغا ئوخشايدىكەن.» 8- ئاينىڭ 11- كۈنى، شاڭخەيلىك ساياھەتچى شى رۇڭ چىن كۆڭلىدىن ماختاپلا كەتتى. ئۇ ئىككى دوستى بىلەن 8- ئاينىڭ 5- كۈنى شىنجاڭغا ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا كەلگەن ئىكەن. كۆكتوقايدىن قاناسقىچە، يەنە سايرام كۆلىگىچە بولغان يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنى ئۈچەيلەن ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى، شى رۇڭغا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى بۇرچىننىڭ كەچلىك بازىرى بولۇپ، «كەچ سائەت 10، 11 لەردىمۇ، كەچلىك بازاردا ئادەملەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىكەن، كۆپىنچىسى ساياھەتچىلەر ئىكەن».

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4