رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ھۆسن قوشتى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە شەھەر ئاھالىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى (8- ئاينىڭ 11- كۈنى تارتىلغان). (مۇخبىرىمىز زوۋ يى فوتوسى)

ئويۇن كۆرۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، كىنو كۆرۈش... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مول، رەڭدار مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى خۇشال، ئىناق دەم ئېلىش كەيپىياتىغا چۆمدۈردى.

8- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2019- يىللىق قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «بايرامدىكى شادلىق ناخشىسى» شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، بايرامغا مەدەنىيەت ئوزۇقى ئېلىپ كەلدى.

ئويۇن كۆرگەندىن سىرت، ھەر مىللەت ئامما يەنە مۇزېي، كىتابخانا، كىنوخانىلارغا كىرىپ گۈزەل دەم ئېلىش پەيتىدىن ھۇزۇرلاندى.

8- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 25 مىڭ ئادەمدىن ئاشتى، كۆپچىلىك بەس - بەستە «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخىي كۆرگەزمىسى» «مىڭ يىللىق جەسەتلەر − شىنجاڭ قەدىمىي دەۋر قۇرۇق جەسەتلەر كۆرگەزمىسى» «نىيەنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلارنى كۆردى.

«بۈگۈن قۇربان ھېيت، كۆپچىلىكنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي تەشۋىقات - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لېي.

8- ئاينىڭ 12- كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى نەنمېن كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزىدە بىرىنچى قەۋەتتىن تۆتىنچى قەۋەتكىچە مەيلى ئەدەبىيات تۈرى، ئىجتىمائىي پەن تۈرى، پەلسەپە تۈرى، ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە تۈرى رايونى بولسۇن، ياكى ئۆسمۈرلەر رايونى بولسۇن، ھەممىسىدە نۇرغۇن ئوقۇرمەننىڭ توپلاشقانلىقىنى كۆردى. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ياكى پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ، ياكى يەردىلا ئولتۇرۇپ بېرىلىپ كىتاب ئوقۇۋاتاتتى.

شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، خەلق كىنوخانىسى قاتارلىق كىنوخانىلاردا قويۇلۇۋاتقان «يالقۇندىكى قەھرىمان» «سامان يولى دەرس تەكرارلاش سىنىپى» «شىر پادىشاھ» قاتارلىق فىلىملەر نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. نۇرغۇنلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بىللە كىنو كۆرۈپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورتاق خۇشال ئۆتكۈزدى.

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «مەن ۋە ۋەتىنىم» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەھەللىلەرگە كىرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن دەم ئېلىش شادلىقىدىن تەڭ ھۇزۇرلاندى.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قومۇل، تۇرپان، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ بەس - بەستە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياكى سۈرەت كۆرگەزمىسى ھەمدە تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىقلار تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما خۇشال، مەنىلىك دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى تۇرمۇشنى ئورتاق ئۆتكۈزدى.

8- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى (گۈزەل سەنئەت سارىيى)نىڭ 14- مەيدان «پۇقرالار ھەر ھەپتىدە ئويۇن قويۇش چوڭ سەھنىسى» ۋېيمېي ئۇسسۇل سەنئىتى مەركىزىنىڭ ئاساسىي مەيدان ئويۇنىنى كۈتۈۋالدى. «ئۆسمۈرلەر ئىرادىسى» «يۇلتۇزلارنىڭ كۆزى» «قوڭغۇراق ئۇسسۇلى» «جاز چاقماق قىزلار ئەترىتى» «مانا بۇ كوچا ئۇسسۇلى» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كاتتا ئۇسسۇل زىياپىتى ئېلىپ كەلدى، بالىلار يا «ئوماق»لىقى، يا «مودا»لىقى بىلەن كېچىلىك نەق مەيدانىدىن چاڭ چىقىرىپ، مەدەنىيەت كېچىلىكىنىڭ قىزغىن كەيپىياتىنى ئاشۇردى.

شۇ كۈنى كەچتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىدا بىر مەيدان «مەن ۋە ۋەتىنىم − قاناتلانغان بالىلىق قەلب مەن شەكىل چىقىرىپ، مەن يارىتىمەن» قولدا سېغىز توپىدىن ياساش مۇسابىقە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، بالىلار ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولى بىلەن ۋەتەنگە بولغان ئەڭ سەمىمىي تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى. ئويۇن «ۋەتىنىم» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلاندى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە سەھنىگە چىقىپ ماھارەت كۆرسىتىپ، ئانا ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە بەخت تىلەش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونى ئاجايىپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى تارىخىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئېۋىرغول مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرىكى» بۇ يەردە 4- مەيدان سىناق تەرىقىسىدە ئورۇندالدى. ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن − «جاڭ چيەننىڭ ماندات كۆتۈرۈپ تۈمەن چاقىرىم سەپەر قىلىشى . غەربىي يۇرتنى كېزىش» «بۈيۈك خەننىڭ قۇدىلىشىشى . جيې يوۋ مەلىكىنىڭ يىراقتىكى ئۇيسۇنغا ياتلىق بولۇشى» «كاڭشىنىڭ قومۇل قوغۇنى دەپ نام بېرىشى . خۇي ۋاڭنىڭ كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ خان مۇپەتتىشىنى كۈتۈۋېلىشى». نومۇرلار سەرخىل بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى ۋاڭ چېڭپىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرۈپ بۇ يەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىم چوڭقۇرلاشتى، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بولدى!»

(مۇخبىرىمىز جاڭ يىڭچۈن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جىجۈەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4