قومۇل شەھىرىنىڭ يېشىل كىرېدىت قالدۇقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە مۈلۈك سۈپىتى بىردەك پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈ چياڭفۇ، سۈي يۈنيەن، جاڭ تىڭنىڭ قومۇل شەھەرلىك پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قومۇل شەھىرىنىڭ يېشىل كىرېدىت قالدۇقى 25 مىليارد 699 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %43.33، ناچارلىق نىسبىتى نۆل بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە مۈلۈك سۈپىتى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل قاتناش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللىغان.

2017- يىلى 6- ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ، جېجياڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى سەككىز ۋىلايەت، شەھەر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قىلىندى، قومۇل ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى. قومۇل شەھىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «قومۇل شەھىرىنىڭ يېشىل ئىقتىساد (2017- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە) تەرەققىيات يىرىك پىلانى» «قومۇل شەھىرىنى يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇشنىڭ بەش يىللىق (2017- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە) يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تارماق ھالقىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى.

قومۇل شەھىرىدىكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېشىل ساھە تەلەپچانلىقى مېخانىزمى ئورنىتىپ، «يېشىل كىرېدىتنى كۆپەيتىش، ئازايتماسلىق، يېشىل بولمىغان كىرېدىتنى ئازايتىش، كۆپەيتمەسلىك»تەك كىرېدىت سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرېدىت سىياسىتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى.

پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى زور كۈچ بىلەن يېشىل تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، بانكا - كارخانا تۈرلۈك سۇبيېكتلىرىنىڭ يېشىل تۈر ئىلتىماس قىلىش يولىنى ئېچىپ، ئىلتىماس قىلىش مەزمۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلمىي بولغان يېشىل تۈر ئىلتىماس قىلىش ۋە باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېشىل تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن 16 تۈركۈمدىكى جەمئىي 95 تۈرلۈك ساپ يېشىل تۈرنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 54 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولغان، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى 37 مىليارد 165 مىليون يۈەن بولۇپ، 2018- يىلىلا يېشىل تۈرلەر 8 مىليارد 877 مىليون يۈەن يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغقە ئېرىشكەن.

قومۇل شەھىرىدىكى 12 بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى يېشىل تارماق بانكا، يېشىل كەسىپ بۆلۈمى ۋە يېشىل پوكەي تەسىس قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى، تىنچ ئوكيان مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى ۋە جۇڭخۇا بىرلەشمە سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ سۇغۇرتا شىركىتى يېشىل سۇغۇرتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېشىل سۇغۇرتا كىرىمى 110 مىليون يۈەن بولۇپ، مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 بولدى، كاپالەت سوممىسى 9 مىليارد 953 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەككىز يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى ئىچىدە 3- ئورۇندا تۇردى.

قومۇل شەھىرى يېشىل ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قومۇل شەھىرىدە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىدىغان گېنېراتورلارنىڭ سىغىمى 20 مىليون 291 مىڭ 400 كىلوۋات (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى 10 مىليون 869 مىڭ كىلوۋات، فوتوئېلېكتىر گېنېراتورى 2 مىليون 320 مىڭ كىلوۋات، باشقا (كىچىك سۇ ئېلېكتىر، قالدۇق ئىسسىقلىقتىن توك چىقىرىش، قالدۇق گازدىن توك چىقىرىش) گېنېراتور 612 مىڭ 400 كىلوۋات بولغان، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلىرى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ %68ىنى ئىگىلىگەن.

يېشىل كىرېدىت كارخانىلارنى يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى ھەم ئۇنى قولاي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى. بۇ يىل 5- ئايدا، قومۇل گۇاڭخۇي مۇھىت ئاسراش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلدا 400 مىڭ توننا ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە ئىش باشلاندى، ئومۇمىي سېلىنما 3 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەننى بانكىدىن قەرز ئېلىشقا توغرا كېلەتتى، يېشىل تۈر بولغاچقا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى ناھايىتى تېزلا ھەل بولدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4