ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى كارخانىنى قۇرۇش ۋاقتى 5.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى

خۇسۇسىي كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى

مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ: «چۈشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرغانىدىم، يېرىم كۈندىلا تىجارەت كىنىشكىسىنى قولۇمغا ئالدىم، ئۈنۈم ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن!» 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، يېقىندا شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرغان چاغدىكى كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ما خەييەن ماختاپلا كەتتى.

ما خەييەننىڭ كەچۈرمىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، كارخانىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى كارخانىنى قۇرۇش ۋاقتى ئاساسەن 5.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن «2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى 8.5 كۈنگە قىسقارتىش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش»، كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ئاشكارا، ئوچۇق، قولايلىق ئىجازەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

«ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزۈشتىن نۆۋەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا باغلاپ ھەمبەھرىلىنىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش، تىزىملاش ئىش تۈرلىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىدىكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىشتە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە 200دىن ئارتۇق مەمۇرىي تەستىق ئېلىش زۆرۈر بولۇشتىن 28 تۈرلۈك ئالدىن ئىجازەت بېرىلىدىغان «ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېجىرىپ، كېيىن كىنىشكا بېجىرىش»كە كېمەيتىلگىچە، يەنە نۆۋەتتە 100 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئىچىدە «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقىچە، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتتى.

كارخانىلارنىڭ «نام قويۇش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانا نامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىلەن رويخەتكە ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ بېجىردى. بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىش 164 مىڭ پارچىدىن كۆپرەككە يېتىپ، بارلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان نامنىڭ %58.1ىنى ئىگىلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلۇق تىزىملاش، توردا تىزىملاش قاتارلىق «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «ھۆكۈمەت - بانكا»، «ھۆكۈمەت - پوچتا» ھەمكارلىق مېخانىزمىغا تۈرتكە بولدى. ئىلتىماس قىلغۇچى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 2000دىن ئارتۇق بانكا تور نۇقتىسىدا بىر قېتىمدىلا كارخانىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش كەسپىنى بېجىرەلەيدۇ ھەم تىجارەت كىنىشكىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، «بىر قېتىممۇ قاترىماي» كىنىشكا بېجىرىش تەرتىپىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىي بار بولغان بازار سۇبيېكتى 1 مىليون 750 مىڭى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا 353 مىڭ. ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4639 خۇسۇسىي كارخانا، 28 مىڭ 500 يەككە سودا - سانائەتچى يېڭىدىن تەسىس قىلىندى. خۇسۇسىي كارخانا، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4