ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش كۆزدە تۇتۇلدى

ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان %52 يەر يېشىللىق ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلدى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش كۆزدە تۇتۇلدى

مۇخبىرىمىز چاۋ جىن، پىراكتىكانت جاڭ شياۋخەن خەۋەر قىلىدۇ: ياپيېشىل چىملىق قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، بىر تاش پەلەمپەي ئەگرى-بۈگرى يۇقىرىغا سوزۇلغانىدى، قۇشلار ئورمانلىقتا سايرىشاتتى، تىنچ كۆل يۈزى خۇددى ئەينەككە ئوخشاش ئاسماننىڭ رەڭگىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى، ياغاچ ئاسما يول، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى... 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى 17 تۈتۈن سۇلۇق يەر باغچىسىغا كىرىپ، بۇ يەرگە ئىلگىرى پاكار، كونا، ئاددىي ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر تارقالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدى.

17 تۈتۈن سۇلۇق يەر باغچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى. قۇرۇلۇشتا 29 نۇقتىلىق تەۋەلىك رايون، 267 پارچە يەر ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، 30 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەرنىڭ %52ى يېشىللىقنى تولۇقلاش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلدى.

مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «ئۈرۈمچىنى زامانىۋى خەلقئارا شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «دەرەخنى تاغقا تىكىش، سۇنى شەھەرگە باشلاش، كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش، يەرنى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى سۈزۈكلەشتۈرۈش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2017-يىلى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى كونا شەھەر رايونى(كەپىلىك رايون)نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. قۇرۇلۇشتا ھەم شەھەر بوشلۇقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەم شەھەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، شەھەر ئاھالىسى ئەڭ زور دەرىجىدە بەخت تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مۇ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونى(كەپىلىك رايون)، خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى تەدرىجىي چېقىش بىلەن بىللە، كونا شەھەر رايونىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، ھاسىلىي سۇ بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۇ بايلىقىدىن تەكرار پايدىلىنىش، دەريا، كۆل، سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، «ئۈچ دەريا، بەش بەلباغ، ئون كۆل، كۆپ باغچە، كۆپ كارىدور، كۆپ تۈگۈن»دىن ئىبارەت ئومۇمىي گەۋدە سۇ ئېكولوگىيە مەنزىرە ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كۆك ۋە يېشىل گىرەلەشكەن ئېكولوگىيە تورى سىستېمىسىنى قۇردى.

ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى جەھەتتە، يەسلى، سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، يېشىللاشقان مەيدان، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى، مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى يېڭىدىن قۇردى، «T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول»لارنى راۋانلاشتۇردى، تارماق يول ۋە ئاستا يۈرۈش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى... كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئىلگىرىكى نوقۇل ھالدا ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىشتىن، ھازىرقى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشقىچە بولدى؛ پۇقرالارنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىن تارتىپ شەھەر فۇنكسىيەسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشىگىچە بولدى؛ ئاددىي ئۆزگەرتىشتىن مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كىرگۈزۈشكىچە بولدى.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى كۆتۈرۈلگەنىدى، شىنجاڭغا كۆپ قېتىم ساياھەتكە كەلگەن شاڭخەيلىك ساياھەتچى جاۋ يۈن فوتو ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ ئىزچىل تېز تارتىش كۇنۇپكىسىنى باستى، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا ماختاپ مۇنداق دېدى: «ئۆزگىرىش بەك چوڭ ئىكەن، جۇشقۇن <قىياپىتى> بولۇپلا قالماي، ئاۋاتلىقىنى يوقاتماپتۇ. ھازىرقى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئوبرازغا تولۇپتۇ، كەلگەن كىشىنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدىكەن، كەتسە يەنە كەلگۈسى كېلىدىكەن».

كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى پىيادىلەر كوچىسى، پىلان بويىچە ئورۇن بەلگىلەش كەسىپ ھالىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۈچ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «غەيرىي ماددىي مىراس» تۈرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى-مەدەنىيەت ساياھىتى ئەسەرلىرى، خاس مەھسۇلاتلار، مودا يېمەك-ئىچمەكلەر ھەم خاس مەززىلىك تائاملار قاتارلىقلار نامايان قىلىنغان. ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى راھەت، ئازادە ساياھەت-تاماشا قىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش، «گۈزەل شىنجاڭ»نىڭ ئادىمىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايان قىلىش ئۈچۈن، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ئىككىنچى قارارلىق ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تېز قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسى، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، يېتىلدۈرۈش بازىسى توپلاشقان زامانىۋى پەن-تېخنىكا ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن مەدەنىيەت-ساياھەت-سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى يارىتىلىدۇ.

«يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى» «يېڭى ئىقتىساد»نى بارلىققا كەلتۈردى، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كونا شەھەر رايونىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەردىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن فۇنكسىيەلىك رايون بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت رايونى يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان «ئالتە مەركەز، ئالتە باغچە» قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. تىيانشان رايونى دۇڭدالياڭ تەۋەلىك رايونى شەرقىي قىسىم ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازىسى بىلەن ئېرداۋۋەن تەنتەربىيە سۇ ئۈستى مەنزىرە باغچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى لىيۈشەن باغچىسى بىلەن شەھەر دەرىجىلىك مەركىزىي ھاياتىي كۈچ رايونىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەھەرنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.

مۇ شياۋدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاش، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەدە باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونىنىڭ پۈتكۈل سۈپىتى بىلەن تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تەدرىجىي كۈچەيدى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4