يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش: تۇرمۇشنى بارغانسېرى گۈزەل قىلدى

[ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي    بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش]

مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا    پىراكتىكانت فەن يۆيى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتى ۋە ئاممنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىسىنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، تۈگۈننى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلدى.

يولنى توغرا تېپىش    ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش

«بىز ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى 200 نەچچە ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق.» دېدى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تيەن مېڭ.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىدىغان كارخانىلار، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەنت قۇرغان زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى كۈچ تەشكىللەپ چىقىرىدىغان جايلار، كىرگۈزىدىغان جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇردى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشنى ئاساس قىلغان تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزىلاردىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارتۇق ئەمگەك كۈچى 1 مىليون 207 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 330 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپەيگەن.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە بىز ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇق، يەر تېرىغاندىن سىرت يەنە بىر ئۈلۈش كىرىمگە ئىگە بولدۇق، بۇنداق بولغاندا، ئائىلەم تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ.» دېدى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى باغچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەيرىنىسا بەكرى.

دەل جايىدا باشقۇرۇش    ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش

يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشتە ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارغا كېلىش، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارغا قارىتا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. «بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئاچسىڭىز، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قەيەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى، قايسى ئىش تۈرىنى قىلىدىغانلىقى، كىرىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى خوڭۋۇ.

يېقىنقى نەچچە يىلدا، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 4269 كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلار جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ خۇاتەي شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئالاقىدار سىياسەت تولۇقلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىدىن 40 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىدىن جەمئىي 59 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىن بارغانسېرى كۆپلىگەن ئەمگەك كۈچى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ماڭغان.

كىرىم مۇقىم بولۇش    گۈزەل تۇرمۇشنى باشلاش

«مېنىڭ ھازىر خىزمىتىم بار، ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ پۇل تاپىمەن، ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى كۆرىمەن.» دېدى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئەيسىفېن توقۇمىچىلىق كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى ۋەتەنگۈل كېرەم خۇشال ھالدا.

ۋەتەنگۈلنىڭ ئۆيى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ياركۆۋرۈك يېزىسى ياركۆۋرۈك كەنتىدە ئىدى، ئىككى ئاي بۇرۇن، ئۇ تېخى ئوچاق بېشىدىن نېرى كېتەلمەيدىغان ئائىلە ئايالى ئىدى. بۇ زاۋۇتتا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 900دىن ئارتۇق كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچى 300 نەچچە.

«بىز مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىش تەدبىرى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكى تۈزدۇق، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلىشالىشىغا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشالىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردۇق.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چى يۇڭفۇ. «بىز تىرىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت تەدبىرگە، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى.

تۈزىتىش تەدبىرلىرى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسەتلىرى ئەمەلىيلىشىپ، ۋەتەنگۈلگە ئوخشاش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچلىرىنى خىزمەتكە ئىگە قىلدى، كىرىمگە ئىگە قىلدى، روھىي قىياپىتىنىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىلىدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4