ئالىم پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى

مۇخبىرلىرىمىز گاۋ ۋا، شيې خۇيبيەن

7- ئاينىڭ 18- كۈنى پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئامانلىق ساقلاش ئەترەت باشلىقى ئالىم ئەمەت نۆۋەت بىلەن دەم ئالىدىغان كۈن، ئەتىگەنلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ، ئۇ ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىماستىن، بەلكى نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىغا قايتىپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. «ياخشىمۇسىز، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىدا ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولمايدۇ!» بۇ كىچىككىنە نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسى ئۇنىڭ خىزمەت قىلىدىغان جايى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆگىنىش قىلىدىغان كىچىك ماكانىغا ئايلاندى.

«ھازىر مەن كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىمنى تاپتىم، بەدىنىمدە تۈگىمەس كۈچ بار.» ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىشىش يۆنىلىشىنى تېپىپ، تۇرمۇشىنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن.

«ئاشۇ كۈنلەردە مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن <جەننەتكە كىرىش>نىلا ئويلايتتىم»

شۇ كۈنلۈك ئۆگىنىش پىلانىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالىم يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئامبۇلاتورىيە زالىغا بېرىپ چارلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ ئىدارىدىن ئايرىلدى. چۈش بولاي دەپ قالغانىدى، ئۇ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە باردى، ئانىسى «لەڭمەن» ئېتىپ قويغانىدى، ئوغلىنىڭ ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ تاماق يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ خۇشال ھالدا كۈلدى.

«مەن كومپارتىيە ئەزاسى، ئۇ ئىلگىرى ئاشۇ ئەسكى ئادەملەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، بىز ئەتكەن تاماقنى مۇسۇلمانچە ئەمەس دەيتتى، بىزنى ناھايىتى ئاز يوقلاپ كېلەتتى، كەلسىمۇ ئۆيدە تاماق يېمەيتتى.» ئالىمنىڭ دادىسى ئەمەت ئاۋۇت مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم ئۇ مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن ساقال قويمايسەن، ئانام نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيمەيدۇ، دەپ سوراققا تارتتى. بەك ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتىم».

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاشۇ نەچچە يىلدا، ئالىمنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولمايلا قالماستىن، خوتۇنى، ئوغلى بىلەنمۇ زىددىيەتلىشىپ قالدى. ئوغلى ئەلمۇرات ئالىم ئالتە ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، ئالىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەمدىلا يەسلىنى پۈتكۈزگەن ئوغلىنى دىن ئۆگىنىشكە ئەۋەتمەكچى بولدى. ئۇنىڭ خوتۇنى رابىگۈل ئابلىمىت بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى، ئوغلىنى ئامالسىز تۇرپاندىكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى، شۇ ئاپارغانچە بىر يىلدىن كۆپرەك تۇردى.

شۇ چاغدا ئالىمنىڭ كاللىسى پۈتۈنلەي «جەننەتكە كىرىش» «دوزاققا كىرىش» دېگەنلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى، خىزمەتتىمۇ ئاكتىپ ئەمەس ئىدى، دائىم كېچىكىپ بېرىپ، بالدۇر قايتىپ كېتەتتى. رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئۇنى ئىزدەپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ تۈزىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئۇ پەرۋا قىلمىدى. «ئۇ چاغدا مەن ئېزىپ قاپتىمەن، نىشانىمنى تاپالماي، پەقەت <جەننەتكە كىرىش>نىلا ئويلاپتىمەن» دېدى ئالىم ئۆتمۈشنى ئەسلەپ.

كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئالىم پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئوقۇدى. ئۆگىنىش - تەربىيە ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى توغرىسىدا يېڭى ئويغا كەلدى.

«بىر جۈملە سۆز» تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش

ئىلگىرى ئالىم دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى خالىماي، بىرنەچچە ئېغىز سۆزلىيەلىسەملا، پۇتۇڭخۇادا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرالىساملا كۇپايە، دەپ قارايتتى. تەربىيەلەش مەركىزىدە بىر مەزگىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئويىدا ئۆزگىرىش بولدى.

تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالىم بىر زاۋۇتتا خىزمەت قىلدى، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇپ، پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلىگەچكە، ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ زاۋۇتنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولدى.

گەرچە خىزمەت كۆڭۈلدىكىدەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرىنى ياد ئېتىپ تۇردى. پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا، ئالىمنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرى پۇتۇڭخۇادا سۆزلەشنى ئانچە بىلمەيتتى، ئاغرىقلار، ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى قولايسىز ئىدى. بۇلارنى ئويلاپ، بۇ يىل 4- ئايدا، ئالىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى.

«مەن تەربىيەلەش مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندىم، شۇنداقلا ناھايىتى كۆپ بىلىم ئۆگەندىم، مەن بۇلاردىن خىزمەتداشلىرىم بىلەن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئويلىدىم.» ئالىم ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى خوجىلىق ئىشلار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ يۈلۇڭغا ئېيتتى. جاڭ يۈلۇڭ ئالىمنىڭ ئۆزگىرىشىدىن خۇشال بولدى ھەم ئۇنىڭ ئويىنى ناھايىتى قوللىدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، ئالىمنىڭ «بىر جۈملە سۆز» تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە يوقلىمىدىن كېيىن، ئالىم خىزمەت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىككە بىر جۈملە كۈندىلىك ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئۆگەتتى. ھەر ھەپتىدە ئۇ يەنە بىر مەيدان ئىمتىھان ئۇيۇشتۇردى، ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان خىزمەتداشلارغا ئالىم بىلەن جاڭ يۈلۇڭ يەنە سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى ۋە ئارقا سەپ خادىملىرىدىن بولۇپ جەمئىي 50 نەچچە كىشى ئالىمنىڭ «بىر جۈملە سۆز» تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇۋاتىدۇ.

خىزمەتتە ئەستايىدىل، تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەي ئالىم پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن باشقا، ھەر كۈنى يەنە دەرس تەييارلايدۇ، تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

«مېنىڭ بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولغۇم بار»

2019- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئالىم پارتىيە تەشكىلىگە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. «ئىلگىرى دادام بىلەن خوتۇنۇم مېنىڭ پارتىيە تەشكىلىگە يېقىن تۇرۇشۇمنى ئېيتقاندا، ئېغىزىمدا ماقۇل بولغان بولساممۇ، كۆڭلۈمدە خالىمىغانىدىم.» ئالىم مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مېنى ئەڭ خەتەرلىك گىرۋەككە ئېلىپ باردى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كەلدى. مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، قانداق قىلىشنىمۇ بىلدىم».

ئالىمنىڭ ئىپادىسى رابىگۈلنى ھەسسىلەپ سۆيۈندۈردى، رابىگۈل سەككىز يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىدى. ئالىم پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى يازغاندىن كېيىن، رابىگۈل رەسمىي يوسۇندا ئۇنىڭغا بىر پارتىيە نىزامنامىسىنى سۇنۇپ، ئۇنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشىنى ئېيتتى. «خىزمىتىم ئالدىراش، ئىلگىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئۆيگە كەچ قالسام، ئۇ مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەڭ بولمايدۇ، دەيتتى. ھازىر ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمنى بەك قوللايدۇ، ئۆيگە بۇرۇنراق قايتسا تاماق ئېتىپ مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ.» ئېرىدىكى ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالغاندا رابىگۈلنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.

«ئالىم كۆپرەك تىرىشىپ، بالدۇرراق پارتىيەگە كىرگىن، شۇنداق بولغاندا ئائىلىمىزدە ئۈچ پارتىيە ئەزاسى بار بولىدۇ، نېمىدېگەن شەرەپلىك - ھە!» ئەمەتمۇ ئوغلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن خۇشال بولدى.

كەلگۈسى تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنغاندا، ئالىم ئۈمىدكە تولۇپ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىشنى خالايمەن، ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىم ئارقىلىق دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشىمەن».

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4