چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا قانداق بولىدۇ

− ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىغا باھا

جۇڭ شېڭ

«ئامېرىكىلىقلار ئىزچىل ئىنتېرناتسىيونالىزمچى، بىراق، ئۇلارنىڭ ئىنتېرناتسىيونالىزمى ئىزچىل مىللەتچىلىكنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى.» ئامېرىكا برۇككىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى روبېرت كاگېننىڭ بۇ سۆزىنى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھازىرقى خالىغانچە تەلۋىلىك قىلىشىغا باھا بېرىشتە ئىشلەتسە بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ.

بىر تەرەپلىمە ھالدا كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن سودا سۈركىلىشى قوزغاپ ھەم ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن «توپتىن چېكىنىپ چىقىپ»، قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپچىللىكنىڭ چوڭقۇر ھاڭىغا سىجىل تېيىلىپ كېتىۋاتقان، «ئامېرىكىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش» قايمۇقتۇرۋەتكەن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز خورىتىپ، قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپكە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە.

8- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ئۆمەكلىرى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنى تاماملاپ بىر كۈن ئۆتمەيلا، ئامېرىكا تەرەپ 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگودىن ئامېرىكىغا چىقىرىلىدىغان 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋاردىن %10 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا تەرەپ ئۆزى ئېتىراپ قىلغان ئىككى تەرەپ ئەمدىلا ئۆتكۈزگەن كېڭەشنىڭ «ئىجابىي خاراكتېرگە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تولۇق ئويلاشمىدى. بۇ خەلقئارا ئاممىۋى پىكىردە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، پۈتۈن يەر شارى بازىرى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەپ تارتماستىن: پاي بازىرىنىڭ سەلبىي ئىنكاسىغا «پۈتۈنلەي پەرۋا قىلمايمىز» دەپ جار سالدى. كىشىلەر «خەلقئارادا تەسىرى بار بىر چوڭ دۆلەتنىڭ تەپ تارتماستىن بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغانلىقى»نى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدى.

ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تاموژنا بېجى چوڭ كالتىكى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ساداسى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى. «يېڭىدىن %10 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكىدىكى ئىستېمالچىلار ۋە ئائىلىلەرنىڭ خامچوتىغا بىۋاسىتە زەربە بېرىش بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئائىلىلەر سودا ئۇرۇشىنىڭ پىچكىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك» «يېڭى بىر نۆۋەتلىك تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئائىلىلىرىدىن ئۆزىنىڭ سودا ئۇرۇشى سۆھبىتىنىڭ تۇتقۇنى سۈپىتىدە پايدىلىنىش» «بالىلارنىڭ پات ئارىدا مەكتەپكە قايتىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئېلان قىلىنغان تاموژنا بېجى كومپيۇتېر، سومكىدىن تارتىپ يەنە كىيىم - كېچەككىچە بولغان بارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىدۇ»... ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، ئامما ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇش سادالىرى ئالدىدا، ۋاشىنگتون ئۆزىنى ئاقلاپ: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى يوق دېيەرلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئەندىزىمىز بار» دېدى. مەسىلە شۇكى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئىسپاتى»نى قانداقمۇ ئامما ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىراتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولسۇن.

دۇنياغا مۇقىملىق، ئېنىقلىق ئاتا قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى كۆپرەك شارائىت بىلەن تەمىنلەش، پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، بۇ چوڭ دۆلەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت. لېكىن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىندا «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر» دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى 3- قېتىم تۆۋەنلەتتى ھەم بۇ يىل پۈتۈن يەر شارى سودىسىنىڭ %2.5 ئاشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ 4- ئايدىكى مۆلچەردىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئامېرىكا تەرەپ پەيدا قىلغان سودا جىددىي ۋەزىيىتى، ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسەتنىڭ ئېنىقسىزلىقى بازار ئىشەنچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باش ئامىلغا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر سودا ئۇرۇشى ۋە قورۇقچىلىق تەدبىرى داۋاملىشىۋەرسە، 2020- يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ئامېرىكىچە ئالاھىدە ئىمتىيازغا بولغان مەستانىلىكىنى قىلچە يوشۇرمايۋاتىدۇ، ھەتتا خەلقئارا قائىدە ۋە خەلقئارا سىستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن يانمايۋاتىدۇ. بەزى كۆزەتكۈچى ئەربابلار باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ رولىنى تۇتۇۋاتىمىز دەپ ماختانغىنى بىلەن، يۆنىلىش تۇيغۇسى يوق، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كەمچىل»، ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت ئورگىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىقلاردىن چېكىنىپ چىقىش ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى گەۋدىلىك نامايان قىلىپ بەردى.

ئادەمدە سەمىمىيەت بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە سەمىمىيەت بولمىسا يېتىم قالىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى يۈزەكى ئىپادە بولۇپ، يىلتىزى يەنىلا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى كۆزگە ئىلماي، ئىشەنچكە سەل قارىغانلىقىدا. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4