باش مەمۇرنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللايمىز

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېقىندا، شياڭگاڭدا نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش ۋە زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى سىجىل يۈزبېرىپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىق، جەمئىيەت تەرتىپى، ئىقتىساد - خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلقئارا ئوبرازىغا قارىتا ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىپ، شياڭگاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، شياڭگاڭنى قەدىرلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنى ھەسسىلەپ ئېچىندۇردى. بولۇپمۇ ئاز ساندىكى رادىكال ئۇنسۇرلار يولغا قويغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى شياڭگاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم چوڭ ۋەزىيىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىق ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە خىرىس قىلدى، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سالدى، شۇنداقلا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر دەرىجىدە چېقىلدى. بۇنىڭغا ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

قانۇنچىللىق شياڭگاڭلىقلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان يادرولۇق قىممىتى، شياڭگاڭنىڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئاساسى، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىقنى ساقلىشىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەپتارتماي خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇ. قانۇن چىقىرىش كېڭىشىگە ھۇجۇم قىلىش ھەم ھەدەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەت گېربىگە ئاشكارا داغ تەگكۈزۈپ زىيان يەتكۈزۈش، ساقچى باش ئىشتابىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ساقچىلارنى قاتتىق ئۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش، خەتەرلىك بۇيۇملار ۋە كۆپ مىقداردىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوراللارنى قانۇنسىز ساقلاش، دۆلەت بايرىقىغا ھاقارەت قىلىش... تۈرلۈك رەزىل قىلمىشلار تىنچ نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش دائىرىسىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتتى. ھەرقانداق مەدەنىي ۋە قانۇنچىل جەمئىيەت بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرمايدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ قانۇننى كەسكىن، ئادىل ئىجرا قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئەدلىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ زوراۋان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە جازالىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان زاتلارنىڭ شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىق ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللايدۇ.

شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ «قاچقۇن جىنايەتچىلەر نىزامى» ۋە «جىنايى ئىشلار ئىشلىرىدا ئۆزئارا قانۇن ياردىمى بېرىش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى دەسلەپكى مەقسىتى ھازىر بار قانۇن - تۈزۈملەردىكى يوچۇقلارنى تولدۇرۇپ، جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىپ، ھەققانىيەتنى نامايان قىلىش بولۇپ، مەركەز بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا جەمئىيەتتە بىر قەدەر چوڭ ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقى ھەمدە كۈچ كۆرسىتىش نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى، مەركەزمۇ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى، چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئەستايىدىل خۇلاسىلىدى ۋە قايتا ئويلاندى، باش مەمۇرمۇ تېخىمۇ ئېچىۋېتىشچان، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان ھالدا خەلق رايىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، «دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزماپتۇ»، بىر قىسىم رادىكال ئونسۇرلار يەنىلا «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش»نى باھانە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قوزغىدى، پەيدا قىلدى، ئەسەبىي قىلمىشى بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالماقچى بولدى، ھەتتا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلدى، بۇ پۈتۈنلەي «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» بولغانلىقتۇر.

ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش باشلىق»ى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش مەمۇر شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە نېگىزلىك قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىرىنچى جاۋابكار كىشى. باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې 2017- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، پائال ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شياڭگاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى، بۇلار ھەممىگە ئايان. مەركەز باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېغا تولۇق ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ خىزمىتىنىمۇ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاش مەيدانىدىن قەتئىي ئېغىشمايدۇ، قىلچە تەۋرەنمەيدۇ.

ھەرقانداق بىر جاي تەكرار ئازابلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، سىجىل داۋالغۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. جەزمەن كۆرۈش كېرەككى، شياڭگاڭ مالىمان بولۇۋەرسە، پۈتۈن جەمئىيەت «بەدەل تۆلەيدۇ». ھازىر، شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى − زوراۋانلىق، ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى تېخى ئۈنۈملۈك توسۇلمىدى، شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى − زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قەتئىي قانۇن بويىچە جازالاپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ياخشى قانۇنچىللىقىنى قوغداش. ئىشىنىمىزكى، مەركەزنىڭ قەتئىي قوللىشىدا، باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جاسارەتلىك - ياراملىق بولىدۇ، شياڭگاڭنىڭ ساقچى ئەترىتى قانۇننى كەسكىن، ئادىل ئىجرا قىلىدۇ، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان كەڭ زاتلار بىردەك ئىتتىپاقلاشسا، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ قانۇنچىللىقى ۋە تەرتىپى چوقۇم تېزدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرى چوقۇم قايتىدىن تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4