خەلقئارا قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ

− ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىغا باھا

جۇڭ شېڭ

گېپى بىر يەردىن چىقمىسىلا «توپتىن چېكىنىپ چىقىش»، خالىغانچە كۆپ دۆلەت بىلەن سودا سۈركىلىشى قوزغاش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش...ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن خەلقئارا قائىدىنى كۆزگە ئىلمايدىغان كۈلكىلىك ئويۇنلارنى ئوينىشى ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، تۆۋەن چەككە خىرىس قىلىدىغان زومىگەرلىك ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى. يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەددىدىن ئېشىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنىڭ ئورنى مەسىلىسى توغرىسىدا ئەسلەتمە ئېلان قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن 90 كۈن ئىچىدە قائىدىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى، بولمىسا ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىمالى بارمىش. تەرتىپنى كۆزگە ئىلماي، قائىدىنى بۇزىدىغان بۇنداق ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە پەيدا قىلدى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەجەبا راستىنلا بىر مەيدان «يەر شارىۋى سودا ئۇرۇشى» قوزغىماقچىمۇ؟

قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنىڭ ئۇل تېشى، ئۇ ھەرقانداق بىر ئەزا ياكى ئاز ساندىكى بىرقانچە ئەزانىڭ خۇسۇسىي مۈلكى ئەمەس، ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمى ھۆرمەتكە ۋە قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 164 ئەزاسى ئىچىدە، ئۈچتىن ئىككى قىسىمغا يېقىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا. «ئالاھىدە ۋە پەرقلىق مۇئامىلە» دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ئۇنىڭ مەقسىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشىنى قوغداش. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، بۇ يادرولۇق قىممەت ۋە ئاساسىي پىرىنسىپنى جەزمەن قوغداش كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. ھەرقانداق قائىدىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىشتە، جەزمەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھەرقانداق كەسكىن ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ھەققانىيەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇنغان تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنىڭ ئورنى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىككى پارچە تەكلىپ لايىھەسىنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئومۇميۈزلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. روشەنكى، ئۇلار ئەلرايى تەرەپتە تۇرمىسا، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرمىسا، مۇقەررەر ھالدا ھەممىلا يەردە تۇمشۇقىغا يەيدۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسى ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىق مۇناسىۋىتىگە سەل قارىسا بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر پۈتۈن ئەس - يادى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدە ھوقۇقنى قانداق قىلىپ «ئىنتايىن زور دەرىجىدە قالايمىقان ئىشلىتىش» كويىدا بولۇۋاتىدۇ، چېكىدىن ئاشقان شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلىك چەكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئەسلا ئويلاشمايۋاتىدۇ. ئۇلار ھەتتا: خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش «ئامېرىكىنىڭ زىيان تارتىشى»غا باراۋەر، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇلار ئاتالمىش ئادالەت، ھەققانىيەت نامى بىلەن قائىدىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ، نېمىنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئىكەنلىكىگە ئەزەلدىن پىسەنت قىلمايۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ «دۇنيادا بىرىنچى»لىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە، دەپ قاراۋاتىدۇ.

قائىدىنى كۆزگە ئىلماسلىق لەۋزىدە تۇرماي ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىش بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ھەققانىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە قانۇنىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتى نارازىلىق ئەرز ئورگىنى سودىيەسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، نارازىلىق ئەرز ئورگىنىنى ئادەم يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن توختاپ قېلىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا قارىتا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 114 ئەزاسى 6- ئايدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەدلىيەلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت ئورگىنىدىن چېكىنىپ چىقىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا قارىتا... خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىد ساداسى سىجىل ئۈزۈلمىدى. ئامېرىكا پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى فرېد بېرگستېننىڭ قارىشى ناھايىتى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە − ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە ئۇسۇلى «ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش» بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەت ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ.

قائىدە بويىچە ئىش قىلمىسا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. 21- ئەسىردە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە تايىنىش دەرىجىسى مىسلىسىز زىچلاشتى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش ئېھتىياجى مىسلىسىز تەخىرسىزلەشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ئورتاق تۈزگەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلقئارا قائىدىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ. شەخسىي مەنپەئەتنى خەلقئارا قائىدىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، يەككە تەرەپچىللىك بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4