كىچىك ئىشلاردىنمۇ ئەسلىي مەقسەتنى كۆرگىلى بولىدۇ

− شى جىنپىڭ بىلەن ئاممىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنىڭ ھېكايىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېيفېي

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا، سەنشى ئۆلكىسى خوجوۋ شەھىرىدىكى 85 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى خاۋ يۈمىن 27 يىل ئىلگىرى ئەينى چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىر پارچە خەت سەۋەبىدىن «تونۇشۇش» ھېكايىسىنى ئەسلىگەندە، ئىختىيارسىز ھاياجېنىنى باسالماي: «بۇ كىچىك ئىشتىن، مەن پارتىيەنىڭ بىر ياخشى كادىرىنىڭ ئىزچىل خەلقنى كۆزلەيدىغان ئەسلىي مەقسىتىنى ھېس قىلدىم» دېدى.

يېقىندا، خاۋ يۈمىن بوۋاي ئۆيىدە مۇخبىرغا مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئاشۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى...

ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپ، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىغا بىر پارچە «ئەرز خېتى» يېزىش

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، مەن خوجوۋ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئىدىم. 1992- يىلى 4- ئايدا، مەن بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى جاڭ يۈشېڭ، شەھەرلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن جۇڭمىن بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى شەھەر فۇجوۋ، ۋېنجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدۇق.

فۇجوۋدا، بىز ليەنجياڭ ناھىيەسىگە بېرىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلدۇق، ئۇ جايدىكى پۇقراۋى كارخانىلار ياخشى باشقۇرۇلۇپتۇ، بۇ بىزگە زور ئىلھام بولدى. تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنى كۆپ قېتىم ماختىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش»نى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق زور تۈركۈمدىكى تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىپ، فۇجوۋنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بوپتۇ، بۇ بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بىز فۇجوۋ شەھىرىدىكى «1- ماي» مېھمانخانىسى ئالدىدىكى بىر بېلەت سېتىش نۇقتىسىدا فۇجوۋدىن ۋېنجوۋغا بارىدىغان «ھەشەمەتلىك چوڭ ئاپتوبۇس»نىڭ بېلىتىدىن ئۈچنى سېتىۋالدۇق. بېلەت سېتىۋالغاندا، قارشى تەرەپ ئاپتوبۇستا كارىۋاتلىق ئورۇن بارلىقىغا ۋەدە بەردى. بۇ ئەينى چاغدا پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان خەن جۇڭمىن ئىككىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئون نەچچە سائەتلىك سەپەردىكى ھارغىنلىقنى يېنىكلىتەلەيدىغان ناھايىتى ياخشى ئىش ئىدى.

لېكىن، بىز ئاپتوبۇسقا چىققاندا، ئۇنىڭ بىر ئادەتتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئاپتوبۇس شوپۇرى: «سىلەر ئاۋۋال بۇ ئاپتوبۇسقا چىقىڭلار، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ھەشەمەتلىك چوڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغۇزۇپ قوياي» دېدى. كىم بىلسۇن، كېيىن بىزنى شارائىتى تېخىمۇ ناچار بولغان بىر ئادەتتىكى ئاپتوبۇسقا مەجبۇرىي چىقىرىپ قويدى.

بىز مۇشۇنداق ئالداندۇق، يول بويى بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، تارتمىغان جاپايىمىز قالمىدى. يېرىم كېچىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ تاماق يېگەندە، جاڭ يۈشېڭ چاندۇرماي بۇ ئاپتوبۇسنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلىۋالدى.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، بىز ۋېنجوۋغا يېتىپ كەلدۇق. ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن، بىز ئاپتوبۇسنىڭ ئىگىسى بىلەن سۆزلەشتۇق، لېكىن ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى قوپال بولۇپ: «بىز مۇشۇنداق قىلىمىز، بېرىپ ئەرز قىلىڭلار، قېنى كۆرۈپ باقايلى كىمنىڭ كارى بولىدىكىن؟!» دېدى.

ئاپتوبۇس ئىگىسىنىڭ ناچار پوزىتسىيەسى جاڭ يۈشېڭنىڭ ئىنتايىن غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇ ئاپتوبۇس بېكىتىدىن ۋېنجوۋ شەھەر رايونىنىڭ خەرىتىسىنى سېتىۋېلىپ، خەن جۇڭمىن ئىككىمىزنى باشلاپ ئۇدۇل پوچتىخانىغا باردى.

«مەن يولدا ئويلىنىپ بولدۇم، بىز خەت يېزىپ ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى! خەتنى بىۋاسىتە فۇجوۋ شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ رەھبىرى − شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغا يازايلى!» دېدى جاڭ يۈشېڭ غەزەپلەنگەن ھالدا.

«شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ بۇنداق ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار بىلەن كارى بولىدىغانغا ۋاقتى بولارمۇ؟» ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە بىر قارارغا كېلەلمىدىم، بۇنچىلىك كىچىك ئىش قانداقمۇ رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى تۇرسا؟

«بىز ئۇ باشقۇرۇۋاتقان جايدا ئالداندۇق، ئۇ باشقۇرسۇن - باشقۇرمىسۇن بىز ئىنكاس قىلايلى» ئەينى چاغدا 36 ياشقا كىرگەن جاڭ يۈشېڭ ياش، مىجەزى چۇس بولغاچقا، خەت يېزىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشتا چىڭ تۇردى. ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشنى ئويلاپ، بىزمۇ بىر سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدۇق.

ئارقىدىنلا، جاڭ يۈشېڭ پوچتىخانىنىڭ سېمونت پوكىيىگە ئارتىلىپ تۇرۇپ ئۈچىمىزنىڭ نامىدا بىر پارچە ئەرز خېتى يازدى. شۇ چاغدا، بىز فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەچكە، كونۋېرتقا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغا تېگىدۇ» دەپ يازدۇق.

خەت ئەۋەتىۋېتىلدى، جاڭ يۈشېڭنىڭ ئاچچىقىمۇ خېلىلا بېسىلىپ قالدى؛ ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىدىن قىلچە ئۈمىد كۈتمىگەنىدۇق.

كېيىن بىز خوجوۋغا قايتىپ كەلدۇق، بۇ ئىشنىمۇ ئويلاپ كەتمىدۇق.

خەلق تۇرمۇشىغا باغلانغان رىشتە، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بىزگە «جاۋاب خەت يازدى»

«ئويلىماپتىمەن، بىزنىڭ ئەرزىمىزگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپتۇ!»

خوجوۋغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىر كۈنى ئەتىگەندە، جاڭ يۈشېڭ بىر پارچە خەتنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ھاياجانلانغان ھالدا ئىشخانامغا يۈگۈرۈپ كىردى.

خەتنى قولۇمغا ئېلىپ، كونۋېرتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى قىپقىزىل رەڭدە بېسىلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فۇجوۋ شەھەرلىك كومىتېتى» دېگەن خەتنى كۆرۈپ، قەلبىم بىردىنلا ھاياجانغا تولدى.

«سىلەر ئۈچ يولداشنىڭ 4- ئاينىڭ 24- كۈنى شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ شەھىرىمىزگە كاماندىروپكىغا كەلگەن مەزگىلدە ۋېنجوۋغا بارىدىغان ئاپتوبۇس بېلىتى سېتىۋالغاندا، «1- ماي» مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاشكارا ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتۇق. شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەم نەتىجىسىنى سىلەرگە ئىنكاس قىلىشى توغرىسىدا دەرھال تەستىق سالدى».

جاۋاب خەتنى كۆرۈپ، مەن ئاندىن فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ بۇ شۇجىسىنىڭ ئىسمىنىڭ شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. خەتنىڭ مەزمۇنى بىر ئۆمۈر ئېسىمدىن چىقمايدۇ! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فۇجوۋ شەھەرلىك كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ بۇ جاۋاب خېتىدىن شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئاممىنىڭ ساداسىغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

«ئويلىماپتىمەن! ئويلىماپتىمەن!» خەتنى كۆرگەندىن كېيىن، جاڭ يۈشېڭ بىلەن خەن جۇڭمىنمۇ قاتتىق ھاياجانلاندى، «بىز يەرنى قېزىپ ئالتۇن يامبۇغا ئېرىشتۇق، لاتارىيەدە چوڭ مۇكاپات چىقتى!»

بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، بىز يەنە بىر قاتار بىر تەرەپ قىلىش «ئىنكاس»لىرىنى تاپشۇرۇۋالدۇق.

فۇجوۋ شەھەرلىك قاتناش - تىرانسپورت باشقۇرۇش باشقارمىسى تەستىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىپتۇ. ئەسلىدە، بىز ئولتۇرغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى يولۇچى توشۇش بېكىتى يەككە تىجارەتچىگە ھۆددىگە بەرگەن ئىكەن، بېلەت سېتىش نۇقتىسىمۇ تەستىقلاتماي تۇرۇپ قانۇنسىز تەسىس قىلىنغان ئىكەن. باشقۇرۇش باشقارمىسى يولۇچى توشۇش بېكىتىنى ئاپتوبۇسنىڭ تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇپتۇ ھەم 150 يۈەن جەرىمانە قويۇپتۇ، ئارتۇق ئېلىۋالغان 33.6 يۈەن بېلەت پۇلىنى قايتۇرغۇزۇپتۇ.

فۇجوۋ شەھەرلىك قاتناش - تىرانسپورت باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن كەلگەن خەتتە يەنە بىزنىڭ پىكرىمىز سورالغان ھەم ئارتۇق ئېلىنغان بېلەت پۇلىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىلىشىش ئادرېسىمىزنى ئەۋەتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانىدى. خەتكە يولۇچىلار بېكىتىنىڭ «تەكشۈرۈشنامىسى» قوشۇپ ئەۋەتىلگەنىدى.

بۇ «تەكشۈرۈشنامە»نى كۆرۈپ، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق.

خەتتىكى تەلەپ بويىچە، جاڭ يۈشېڭ فۇجوۋ شەھەرلىك قاتناش - تىرانسپورت باشقۇرۇش باشقارمىسىغا جاۋاب خەت يازدى، كېيىن 33.6 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ داۋاملىق بەرگەن ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق: ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۇلار بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىۋېلىپ، «1- ماي» مېھمانخانىسى ئەتراپىدىكى قانۇنسىز بېلەت سېتىش نۇقتىسىدىن ئوننى ئەمەلدىن قالدۇرغان ھەم يولۇچىلارنى ئالداش، ئۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ، تەكشۈرۈپ - ئىسپات ئېلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، يولۇچىلار ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. «بىز خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىگەچكە، سىلەر سەپەر ئۈستىدە كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشكە ئۇچرىدىڭلار، سىلەردىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمىز، سىلەرنىڭ خىزمىتىمىزگە قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز».

پۈتۈن ئىشلار مېنىڭ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى! بىز شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ بۇنداق كىچىك ئىشلارنى باشقۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنىدۇق، لېكىن ئۇ باشقۇرۇپلا قالماي يەنە تېخى بىز رازى بولغانغا قەدەر باشقۇرغانىدى. بىز خەت يازغاندىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش ئاخىرلاشقىچە 40 نەچچە كۈنلا ئۆتتى، بىر تەرەپ قىلىش ھالقىلىرى زىچ، ھەربىر قەدەم چوڭقۇر بولۇپ، كىشىنى قايىل قىلاتتى!

فۇجوۋدىكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش كەچۈرمىشى بىزگە شەھەرلىك پارتكومنىڭ بۇ شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىگە خەلقنى پۈككەن «ياخشى ئەمەلدار» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، ئۇ ئاممىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ چوڭ ئىشى دەپ قارىغان، كىچىك ئىشلارمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى كۆرسىلا باشقۇرغان، دەرھال بىرتەرەپ قىلغان، شۇنداقلا ئاغزىدا دەپلا قويماي، ھەرىكىتىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەنىدى.

مەن ئەينى چاغدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، فۇجوۋدا شى جىنپىڭدەك مۇشۇنداق ياخشى شۇجىنىڭ بولغانلىقى ھەقىقەتەن فۇجوۋ خەلقىنىڭ بەختى ئىكەن!

ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىدى، ئۇ ئىزچىل مۇشۇنداق قىلىپ كەلدى!

مەلۇم مەزگىلگىچە، نۇرغۇن كىشى بىزنىڭ بۇ كەچۈرمىشىمىزگە ئىشەنمىدى.

بىز بۇ خەتلەرنى چىقىرىپ ئۇلارغا كۆرسەتتۇق، كۆرگەنلەرنىڭ ئىچىدە تەسىرلەنمىگىنى يوق. ھەممەيلەن شى جىنپىڭ شۇجىنى پۇقرالار ئۈچۈن ئىش قىلىدىغان ئەمەلىيەتچىل كىشى، خەلق ئاممىسى ئىشىنىدىغان خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى، دەپ ماختاشتى.

بۇ خەت - چەكلەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئىزچىل جاڭ يۈشېڭ ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە نەچچە قېتىم ئۆي كۆچكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىزچىل ئېھتىيات بىلەن ئەتىۋارلاپ ساقلىدى.

شۇ ئىشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىزنىڭ ئۈلگىمىزگە ئايلاندى، ئەمەلدار بولۇشتا، ئادەم بولۇشتا، بىز ھەممىدە ئۇنىڭغا توغرىلاندۇق. ئامما ئىشىك ئالدىغا ئىزدەپ كەلگەندە، بىز چوقۇم ئۆزىمىز كۈتۈۋالدۇق، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندىمۇ ئاممىنى رازى قىلىشقا تىرىشتۇق.

جاڭ يۈشېڭ ماڭا بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: ئۇ كېيىن خوجوۋ شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بولغاندا، مەلۇم دىنىي سورۇندا پوجاڭزا ئېتىش سەۋەبىدىن بىر بالىنىڭ كۆزى زەخىملىنىپتۇ. بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى نۇرغۇن ئادەمنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغاچقا، جاڭ يۈشېڭنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئەگەر بۇرۇنقى چاغلار بولغان بولسا، ئۇ بەلكىم بۇ ئىشقا ئانچە پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن ئۇ كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ، خىزمەت ئىشلەپ، ئاخىرىدا بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۆلەمگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپتۇ. كېيىن، ئۇمۇ بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، بارلىق دىنىي سورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپتۇ.

بىز ھەر قېتىم شى جىنپىڭ دېگەن بۇ ئىسىمنى كۆرسەك، ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلىمىز، بولۇپمۇ ئۇ پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم تېلېۋىزوردا ئۇنى كۆرگەندە خۇددى كونا تونۇشىمىزنى كۆرگەندەك بولىمىز. ئۇ بولسىلا، يۆلەنچۈكىمىز، كۈچ - قۇۋۋىتىمىز باردەك ھېس قىلىمىز.

شى جىنپىڭ بىزگە باش شۇجى بولدى، بۇ پارتىيەنىڭ زور بەختى، دۆلەتنىڭ زور بەختى! ھازىر پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ ھېكايە بىر جانلىق دەرسلىك. بۇ گەرچە بىر كىچىك ئىش بولسىمۇ، لېكىن بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياشنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىزنىڭ باش شۇجىيىمىز جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۇ مەيلى يېزىدىكى چوڭ ئەترەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندا بولسۇن ياكى پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولغاندا بولسۇن، ئىزچىل مۇشۇنداق قىلىپ كەلدى! ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان!

مەن كونا جەمئىيەتتە تۇغۇلغان، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قۇل بولۇشنىڭ دەردىنى تارتقان، ئازادلىق غەلىبىسىنىڭ تەمىنى تېتىغان، تەلىيىمگە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولالىدىم، يېڭى دەۋردە كېيىنكى ئۆمرۈمنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىمەن، ھەقىقەتەن بەختلىكمەن! ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۇرمۇشىمىز جەزمەن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، دۆلىتىمىز بارغانسېرى بېيىپ قۇدرەت تاپىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 8- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4