ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك، خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ

− ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىغا باھا

جۇڭ شېڭ

12- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئاخىرلاشتى، ئىككى تەرەپ 8- ئايدا زىچ كېڭىشىشكە پۈتۈشۈپ، 9- ئايدا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلغانىدى. لېكىن، ئامېرىكا تەرەپ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىۋېلىپ، جۇڭگو ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋاردىن ئۆز ئالدىغا %10 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قىلمىش جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دابەن ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۆھبىتىگە ئېغىر قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، خەلقئارا ئالاقىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىدەك قىلمىشلىرىدىن كىشىلەر كۆپ قېتىم ساۋاق ئالغان. 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئامېرىكا تەرەپ دابەندە «ئەمدى جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن يېڭىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالمايمىز» دەپ ۋەدە بېرىپ، خەلقئارا بازارنى خاتىرجەم قىلغانىدى. لېكىن 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشىنىڭ «ئىجابىي خاراكتېر»گە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ 27 سائەتتىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا يەنە تاموژنا بېجى كالتىكىنى كۆتۈردى، خەلقئارا بازار ئىشەنچى زەربىگە ئۇچراپ، ئامېرىكا پېيىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەر شارىۋى پاي بازىرىمۇ بۇنىڭ تەسىرىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. روشەنكى، بۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يولسىز ئۆكتەملىكى، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ گېپىدە تۇرماسلىقى ئېلىپ كەلگەن مۇقەررەر ئاقىۋەت.

ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىدىلا بىر تالاي مەسىلە بار، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كۆڭلى بىئارام. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 2- پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP)نىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما سۇندۇرۇپ ھېسابلاش يىللىق نىسبىتى %2.1 ئېشىپ، 1- پەسىلدىكى %3.1لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولغان، ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى ئاللىقاچان ئاشكارىلانغان. ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى يەنە ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەر شارى بازىرىدىكى «پەيتلىك ئاجىزلىق»ىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرمەكتە. مەسىلە شۇكى، جىددىي كېسەلگە قالايمىقان دورا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۆزىدە ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى كۆرمەي، ئەكسىچە سەۋەبسىز باشقىلاردىن ئاغرىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئۆزئارا تايىنىدىغان، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان يەر شارى چوڭ بازىرى ھەربىر ئىقتىساد سۇبيېكتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا ئوخشايدۇ. تەبىئەت ئالدىدا، تۈپ قانۇنىيەتكە خىلاپ ھەرقانداق قىلمىش ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەر شارى بازىرىدىكى ئەھۋالمۇ ئوخشاشلا شۇنداق. تاموژنا بېجى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ كىرگۈزگەن بازار ئېنىقسىزلىقى مۇقەررەر بازار ئىشەنچىنى تەۋرىتىدۇ، بازار ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كارخانىلارنىڭ قىلچە ئىككىلەنمەي تېز سۈرئەتتە زاكاز چۈشۈرۈپ، ناھايىتى كۆپ تاموژنا بېجى خەۋپ - خەتىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىشىدىن كىممۇ ئۈمىد كۈتەلەيدۇ؟ جۇڭگو بازار ئىگىلىكى دۆلىتى، ئامېرىكىدىن ئىمپورتنى كۆپەيتىشتە، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا تايىنىش كېرەك. بازار ھەرىكىتى بازار شارائىتى ۋە بازار كۆزلىمىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھازىرقى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى شۇكى، ئامېرىكا تەرەپ سودا سىياسىتىنى قازان نېنى ئۆرۈگەندەك قايتا - قايتا ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، بازاردىكى سېتىۋالغۇچىلار سودىنى «خەتەرلىك ئويۇن» دەپ قاراپ، يەڭگىللىك بىلەن قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن قىلىنىدىغان ئىمپورتنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرگىزمۇ تاموژنا بېجى كالتىكىنى قالايمىقان پۇلاڭلىتىشقا ئەمەس، بەلكى ئىشەنچنىڭ قوللىشى بولغان مۇقىم، تەرتىپلىك بازارنىڭ بولۇشىغا موھتاج.

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكىنى قاپلىغان قايغۇلۇق كەيپىيات تۈسى دەل ئامېرىكا تەرەپنىڭ خاتا تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ، باشقا دۆلەتلەردىن ئاغرىنسا بولمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى يۈزبېرىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋال قانداق ئىدى؟ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئارىلىشىشتىن يىراق بولغان بازار شارائىتىدا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىكى زور كۆلەملىك تەمىنلەشنى زور كۆلەملىك ئېھتىياج بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش زەنجىرى شەكىللىنىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئورتاق مەنپەئەت ياراتقانىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بۇ زەنجىرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مىسال يەنە، جۇڭگولۇقلار 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى خۇلاسىلىگەن داۋلىنى دەلىللىدى: ئۇستاتلىق - كاززاپلىقتىن ساددا - سەمىمىيلىك ياخشى.

جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم مىزان قىلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىچكى بازار ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىشنى خالايدۇ، بۇ، ئامېرىكىدىن بازارلىق كۆڭۈلدىكىدەك تاۋار سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ بازارنى ئۆزئارا ئېچىۋېتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، بارلىق تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ كېڭىشىشنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان كېلىشىمنى قەرەلىدە ھاسىل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. قىلچە گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، ۋەدىسىدە تۇرۇش، ئورتاق تونۇشقا ئەمەل قىلىش جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا پايدىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك، دېگىنىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىدۇ، «سەمىمىي كىشىنىڭ دوستى كۆپ» دېگەننى تەكىتلەيدۇ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان پەلسەپەۋى ئىدىيە ھېلىھەم بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جاھاندارچىلىق مىزانى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى مەدەنىيەت ئاساسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4