نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى

نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2019- يىللىق 8- قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، دەل ئەڭ كۈچەيدىغان ۋاقىت، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئەڭ قىيىنى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى قىيىن نۇقتا، مۇھىم نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئەڭ قىيىنىنى يېڭىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى نىشان، ئۆلچەمگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ مەخسۇس كۆزىتىشىدە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، دەل جايىدا قاتتىق، پۇختا تۈزىتىش كېرەك. ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، بىر قولدا قېپقالغان نامرات ئاھالىلەرنى ئازايتىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنى مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈشنى تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4