ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى شىددەت بىلەن ئاشتى

جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 75 مىليون 893 مىڭ 500 ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 115 مىليارد 206 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %46.00، %47.96 ئاشتى

مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە شىددەت بىلەن ئېشىش كۆرۈلۈپ، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 75 مىليون 893 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.00 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 115 مىليارد 206 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.96 ئاشقان.

مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى ۋە شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت ماركىسى بارغانسېرى جىلۋىلەندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى زور دەرىجىدە ئاشتى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچى 1 مىليون 116 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.85 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت ئىقتىسادىي كىرىمى 680 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.33 ئاشتى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 280 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93.30 ئاشتى.

ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، A دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ تۈرتكىلىك ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ھەممىسىدە تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 30 مىليون 74 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 18 مىليون 549 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 14 مىليون 857 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %55.74، %80.72 ۋە %46.00 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈتۈۋېلىنغان ئادەم قېتىم بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.

ھەرقايسى جايلار شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قالتىس، نادىر پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇردى. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 2019- يىل «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە مەيدانىدا «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش   گۈزەل تۇرمۇش» باش تېما قىلىنىپ، 187 تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى تەشكىللەپ ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، «6- نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىلى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى» «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

ھەرقايسى جايلار خاسلىققا ئىگە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پائال بەرپا قىلدى، ئالتاي تېغى «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئىلى يايلاق مەدەنىيىتى ساياھىتى، «يىپەك يولى» مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ساياھىتى، تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى قاتارلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ياز پەسلى كىرىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولى نۇرغۇن ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندىلىك ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى 13 مىڭدىن ئاشتى.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى قىش پەسلىدە «تاقىماسلىق»نى يولغا قويۇپ، قار - مۇز ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا، سۇس پەسىلنىڭ سۇس بولماسلىقىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 2- ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 351 مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىلدى. بۇلتۇر 11- ئايدىن بۇ يىل 2- ئايغىچە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى 19 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75تىن ئارتۇق ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4