مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ليۇ يۇڭفۇ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ليۇ يۇڭفۇ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەم ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەم ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇڭ تيەنيۈن ھەمراھ بولۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ليۇ يۇڭفۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر شەھىرى، كوناشەھەر ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىياتى، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىلگىرىلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلارنى ئازايتىش كۆلىمى ۋە سۈرئىتىدە پەيدىنپەي ئېشىش يۈزلىنىشى ھاسىل قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. داۋاملىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. مەخسۇس كۆزىتىش ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي، غەربىي قىسىملار نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىش ۋە مەركەز ئورۇنلىرى نۇقتا بېكىتىپ نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك.

8- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋە 3- كۈنى، ليۇ يۇڭفۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى ھەمدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىلىرى، قەشقەر، خوتەن ئىككى جايغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ھەمدە كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم 1- شۇجىلار ۋەكىللىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.

ليۇ يۇڭفۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئەڭ قىيىنى، دۇچ كەلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى خىزمەت ۋەزىيىتىنى بوشاشماي ساقلاش كېرەك. دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باغ - ئورمانچىلىق قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈپەت - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ليۇ يۇڭفۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تەشكىللەپ ياخشى يولغا قويۇش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلارنى يېتەكلەش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدۇ. كەسىپ يىرىك پىلانى ۋە تېرىقچىلىق پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەپ، نامرات ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەشكىللەپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ كۆلەملىشىشى، ئۆلچەملىشىشى، تەشكىللىك بولۇشى، كۇرسلۇق ماركا بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار بازار قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەشكە نۇقتىلىق مەسئۇل بولۇپ، ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ، ئاشخانىلارغا كىرگۈزۈپ، تاللا بازارلارغا كىرگۈزۈپ، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىشلەپچىقىرىدىغان، سېتىلىدىغان ئىككى جاينىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان تەمىنات - سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى جەمئىيەتنى نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشنىڭ يېڭى يولى، كەسىپ جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى، شەرقىي، غەربىي قىسىملارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىشى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ليۇ يۇڭفۇ يەنە سىن ئارقىلىق قاغىلىق ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4