19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللار مەركەزلىك ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جۇ جىچەي) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنى قوبۇل قىلغان مەركەزدىكى ئۈچ ئورۇن ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان 42 كارخانىنىڭ كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مەركەزدىكى بۇ ئۈچ ئورۇن: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، دۆلەت دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى؛ مەركەز باشقۇرىدىغان 42 كارخانا: جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قورال - ياراغ سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قورال - ياراغ جابدۇقلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتورى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جەنۇب ئېلېكتىر تورى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو داتاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر كۈچى سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو 1- ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو 1- ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خاربىن ئېلېكترىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو شەرق ئېلېكترىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئەنگاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو باۋۋۇ پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاليومىنچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جۇڭخۇا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ۋۇكۇاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خۇارۇن(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، بۇ يىل 3- ئايدىن 6- ئايغىچە، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى يۇقىرىدىكى مەركەزدىكى ئۈچ ئورۇن ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان 42 كارخانىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىش ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلارغا قارىتا كۆزىتىش تولۇق قاپلاش تاماملىنىپ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىشى تولۇق قاپلىغان تۇنجى بۆلەك بولۇپ قالدى. كۆزىتىش مەزگىلىدە، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى سىياسىي كۆزىتىشتە بەلگىلەنگەن ئورۇننى چىڭ ساقلاپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لارنىڭ فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈردى.

كۆزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان. ئەمما كۆزىتىشتە يەنە مۇنۇلار بايقالغان: بەزى پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى چوڭقۇر بولمىغان؛ بەزىلىرىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى جايىدا بولمىغان؛ بەزىلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»ىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماي، بېسىمنى يەتكۈزۈشى قاتلاممۇقاتلام ئاجىزلاشقان؛ بەزىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرمىغان، قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىدا ئاجىز ھالقىلار ساقلانغان.

كۆزىتىش قايتما ئىنكاسىدا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆزىتىش - تۈزىتىش ۋە نەتىجىنى تەتبىقلاشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش - تۈزىتىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4