مەسىلە يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى تۈزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلەندى

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك زىيارەت

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى ئاچقۇچ مەسىلىلەرگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بولۇشتا.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1- تۈركۈمدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، نىشان يۆنىلىشىدە، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، مەسىلىلەرگە قارىتا «چوڭ ئېنىقلاش» ئېلىپ بېرىپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتتى.

■ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مەسىلىگە قاراپ ئاتلىنىش

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ قايتا ئويلىنىپ، تىرىشىپ مەسىلىنى توغرا تاپتى، ھەقىقىي تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش ئاساسىدا، يازما ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىش، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش، توردا پاش قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، مەخسۇس تۈزەشكە سېلىشتۇرۇپ تېپىپ چىقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى تېمىلار بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتلىرىنى يازدى.

«غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئورگان ئىستىلىنى ياخشىلاش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ساقلاش»تىن ئىبارەت بەش چوڭ مەخسۇس تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلە تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرمۇتۈر تۈزەتتى، ئەمەلىيلەشتۈردى. پىكىر ئېلىش جەدۋىلى، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش، ياش كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، پېشقەدەم كادىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ قايتا ئويلىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومى ئەدلىيە نازارىتى پارتكومى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىدىيەدە تېخىمۇ ئېنىق، تونۇشتا تېخىمۇ توغرا، ھەرىكەتتە تېخىمۇ قەتئىي بولدۇق. ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئومۇمىي مەنپەئەتدار - باراۋەر، قولايلىق - يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق - دەل جايىدا بولغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەدلىيە مەمۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى سىناش كېرەك.

■ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ پەرقنى تېپىپ چىقىش

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى باشتىن - ئاخىر ھەقىقىي تۇتۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، ھەقىقىي تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشتە «توغرا بولۇش»، قاتتىق مۇشت بىلەن تۈزىتىشتە «كۈچلۈك بولۇش»، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا «چىداملىق بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزىتىش ئۆلچىمىنىڭ تېخىمۇ بىر قاتلام يۇقىرى بولۇشى، تۈزىتىش تەدبىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىقراق بولۇشى، تۈزىتىش سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېزرەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەش ئۆلچىمى قىلدى.

مەسىلە تىزىملىكى بەرپا قىلىپ، نىشان تۇرغۇزۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى بەنزىلىرى «ئەمەلىي بولۇش»قا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش ئاساسىدا مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالغان تۈرلۈك پىكىر - تەكلىپلەرنى رەتلەپ چىقىپ «تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت لايىھەسى»گە كىرگۈزۈپ، تىزىملىك تۈزۈپ، ئالغا سىلجىتىش پىلانىنى تۈرگە ئايرىپ بېكىتىپ، تۈگۈننى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، «پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش» «تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى. ھەربىر بەنزە ئەزاسى ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى ماددىمۇماددا تەھلىل قىلىپ، بىرمۇبىر كېسەلگە قاراپ تۈزەتتى.

■ قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇپ تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ھۆججەتنى تۈزۈپ تارقىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت تارقىتىش مىقدارىنى قىسقارتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يىغىننىڭ سانىنى قىسقارتىپ، ئوخشاش تۈردىكى خىزمەت ۋەزىپىسىگە قارىتا تەكرار ھۆججەت تارقىتىشتىن ساقلاندى. ئاساسىي قاتلام جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان كەسىپلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش ئېھتىياجىغا قارىتا، تەربىيەلەش لايىھەسى ھەم پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ساقچى تۈرلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈردى.

سىياسىي قۇرۇلۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆگىنىش ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى، خەلق ئاممىسى ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر قاتارلىق جەھەتلەردە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، باشلامچىلىق قىلىدىغان رەھبەر، مەسئۇل تارماق، تاماملاش ۋاقىت - چېكىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش قوشۇنىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاساسىي تەدبىرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزدى، ئورگاندىكى ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، كادىر - ساقچىلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتەك ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4