«دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئەمەلىيەت − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلىي خەۋەرلەردىن تاللانما» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئەمەلىيەت − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلىي خەۋەرلەردىن تاللانما» يېقىندا شىنخۇا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئەمەلىيەت − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلىي خەۋەرلەردىن تاللانما» (1)، (2)دىن ئىبارەت ئىككى تومغا بۆلۈنگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2012- يىلى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن تارتىپ 2017- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىشنىڭ ئالدىغىچە تارقاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلىي خەۋەر، ئوچېرىك، خاتىرە قاتارلىق 129 پارچە نۇقتىلىق ماقالە، 240 پارچە نادىر سۈرەت كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەچچە يۈز مەيدان مۇھىم يىغىن، مۇھىم، زور پائالىيەتكە قاتناشقاندىكى، نەچچە ئون ئۆلكە، رايون، شەھەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى، بەش قىتئەدىكى نەچچە ئون دۆلەتكە زىيارەتكە چىققان چاغدىكى ئېسىل كۆرۈنۈشلەر ھەقىقىي خاتىرىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز ئومۇمنى كۆزلەپ، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلغانلىقىدەك بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت مەنتىقىسى ۋە چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى چوڭقۇر شەرھلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4