يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ، چەكسىز دېڭىزدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش

− 2019- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ خۇا، جېڭ مىڭدا، ۋۇ جيالىن

2019- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچقۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، ياپونىيەنىڭ دابەنگە بېرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن بۇ «دىپلوماتىيە ئېيى»نىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەم يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ مەيدان ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ياكى قاتناشتى، ھەم بىر ئاي ئىچىدە تۆت قېتىم زىيارەتكە چىقتى، تۆت مەيدان مۇھىم خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «ئالدىراشچىلىق كۆرسەتكۈچى» ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇردى.

خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ، ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىقلار گىرەلىشىپ كەتتى؛ دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى بۇلۇت - تۇمانلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

دۇنيانىڭ 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ سىياسىيون ۋە ئىستراتېگىيەچىگە خاس ئۇلۇغ نەزەر دائىرىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى ئارقىلىق، دانا پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنياغا شەرقتىكى بىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئەندىزىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۆرسەتتى.

يەلكەننى ئېگىز چىقىرىش

يەر شارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورى چوڭقۇر يېيىلدى

«شى جىنپىڭ ياۋروپاغا زىيارەتكە چىقىدۇ، تۇنجى بېكەت ئىتالىيە!» 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ياۋروپاغا زىيارەتكە بېرىش سەپىرىنى باشلىغان پەيتتە، ئىتالىيەدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر قىلدى.

بۇ، 2019- يىلى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى. ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيە، ئالتە كۈندۈز بەش كېچە، ئۈچ دۆلەت بەش شەھەر، ياۋروپا سەپىرى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

بېيجىڭنىڭ يەنشەن تېغى ئېتىكى، گۈيشۇي دەرياسى ساھىلىدىن، قىرغىزىستاننىڭ چۇ دەرياسى ۋادىسى، تاجىكىستاننىڭ گىسسار جىلغىسىغىچە، رۇسىيەنىڭ موسكۋادىكى كىرېمىل سارىيىدىن چاۋشيەننىڭ پىڭراڭدىكى جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانسارىيىغىچە... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشچىلىققا تولغان دىپلوماتىيە ئىشلىرى كۈنتەرتىپىگە قايتا نەزەر سالغىنىدا، كىشىلەر بىر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايدۇ، بىر دۇنياۋى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ «جاي - جايلارغا بېرىش ھەقىقەتەن جاپالىق، بىراق نەتىجىسى شۇكى، <دوستلار چەمبىرىكى> بارغانسېرى زورىيىدۇ» دەيدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيدۇ.

دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى، ئەتراپ دىپلوماتىيەسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسى، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ھەر تەرەپلىمە پىلانلىنىپ، دىپلوماتىيە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بۇ قىسقىغىنا يېرىم يىل جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى بولدى.

بۇ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەزمۇت قەدەم −

6- ئاينىڭ 5- كۈنى، كىرېمىل سارىيىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى گىئورگى زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن نەچچە ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى بېشىدىن بىر - بىرىگە قاراپ كەلدى.

يەنە بىر قېتىم چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يەنە بىر قېتىم قىزغىن سالاملاشتى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2013- يىلى دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان 8- قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشى، 31- قېتىم زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىشى، بۇنداق كۆپ قېتىملىق دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ھەقىقەتەن كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

ئىككىيلەن ئۆز ئانا مەكتىپىنىڭ تەرەپلەرگە پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشىگە گۇۋاھ بولدى، تەرەپلەر دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار چوڭ ئىش، خۇشاللىق ئىشلارغا قاتناشتى... ئالتە يىل ئىچىدە، ئىككى رەھبەرنىڭ بىر خىل ئۇسلۇب بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان مول ھەمتۈرتكە بولۇشى جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىدىكى نۇرغۇن داستانلارنى بارلىققا كەلتۈردى، يەنە كېلىپ ئۇلار ئارىسىدىكى دوستلۇقمۇ سۆزسىزكى جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتىگە ئايلاندى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى رەھبەر ئورتاق ھالدا جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ھازىرقى زامان يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئىمزالاپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئىگە يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

«چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان.» رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانى ئېنىق كۆزىتىپ، بۇ قېتىمقى سەپىرى ئارقىلىق ئېنىق سىگنال تارقاتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورتاق تونۇشى ھەرگىز بۇزۇلمايدۇ، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئېتىقادى قەتئىي يىمىرىلمەيدۇ!

بۇ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى پۇختا قەدەم −

6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان مۇھىم پەيتتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئاچتى.

ئەتراپتىكى رايونلار جۇڭگونىڭ خاتىرجەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە مۇناسىۋەتنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئىزچىل فاڭجېنى.

6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئىمزالىدى، ئىككى زۇڭتۇڭ يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالىي ئوردېنىنى بەردى؛

6- ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا دابەنگە قىلغان سەپىرىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەن بىلەن ئۇچراشتى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئون نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى؛

يېرىم يىل ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئەتراپتىكى 30 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى، سۆھبەتلەشتى، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى...

كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ رىتىمى ئېنىق، تېز بولدى، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش قالتىس بىرىكمە مۇشت ئاتتى.

بۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدىغان پۇختا قەدەم −

«جۇڭگوغا كەلسەم ئىككىنچى يۇرتۇمغا كەلگەندەك بولىمەن.» 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا قىلغان بۇ سۆز چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان.

كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي ھەمراھى بولىمىز، جۇڭگو بۇ سۆزىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، جۇڭگو - ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلدى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئافرىقا ئىقتىساد - سودا كۆرگەزمىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، تېخىمۇ پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى دابەن باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رەھبىرى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مىسىرنىڭ رەھبىرى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ رەھبىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شىددەتلىك دولقۇندا مەزمۇت تۇرۇش

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىندى

«نۆۋەتتە دۇنيادا كۆرۈلگەن بەزى يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىش پەقەت يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىدا پەيدا بولغان بىرنەچچە بۇژغۇن بولۇپ، يەر شارىۋىلىشىش چوڭ دولقۇنىنى توسۇيالمايدۇ».

6- ئاينىڭ 7- كۈنى، ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ھالقىسىدا يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە شۇنداق كۆرسەتتى.

ئەڭ ئېگىز نۇقتىدا تۇرغاندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقمىسىمۇ بولىدۇ.

6- ئاينىڭ 29- كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن دابەندە ئۇچراشتى، ئىككى تەرەپ ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا قوشۇلدى، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىقتىساد - سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ مۇھىم ئورتاق تونۇشلار خەلقئارا جەمئىيەت ۋە پۈتۈن يەر شارى بازىرىغا ئاكتىپ ۋە ئىجابىي سىگنال تارقاتتى.

ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ «تورت»ىنى زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش −

«بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىش» «ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىش» «تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش» «باراۋەر مۇئامىلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» «ئىقتىساد - سودا سۆھبىتىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش»...

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ دابەن باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشكە دائىر بەش جەھەتتىكى مۇھىم، زور تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئىنسانلارنىڭ بېكىنمىچىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ يۈزلىنىشى، ئايرىلىپ تۇرۇشتىن يۇغۇرۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى. بىز تېخىمۇ زور ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىگە قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش ئېقىمىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك».

تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشتىن قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە يۆنىلىشنى يېتەكلەش.

يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىش ۋە سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، بايرىقى روشەن ھالدا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازاۋىدو مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىۋىلىشىشنىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتدار يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش −

4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە، ئىككىنچى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى.

39 نەپەر چەت ئەل تەرەپ رەھبىرى، 150 دۆلەت، 92 خەلقئارا تەشكىلات، 6000دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمان... يىغىنغا قاتناشقانلار توغرىسىدىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت چاقىرىق كۈچىنى، ھەمكارلىق جەلپ قىلىش كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى.

بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرى ئالتە چوڭ تۈردىكى 283 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەلىي نەتىجە تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا «توم سىزما رەسىم»دىن «ئىنچىكە سىزما رەسىم»گە قەدەم تاشلاشتىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلاندى.

بۇ مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كۆپلىگەن چەت ئەل رەھبىرىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەم نەچچە ئون مەيدان زىچ ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

«جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈگۈنىنى چىڭىتىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، بازارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايوننى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان داغدام يولنى بىرلىكتە ئېچىشتىن ئىبارەت.» رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت بۇ جۇڭگو لايىھەسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ مەنتىقىنى مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىتالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، پېرۇ... بارغانسېرى كۆپ دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول» دوستلار چەمبىرىكىگە كىردى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

دۇنيا بانكىسى 6- ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندا 32 مىليون كىشىنى ئوتتۇراھال نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىكەن، يەر شارى سودىسىنى %6.2، لىنىيە بويىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سودىسىنى %9.7، يەر شارى كىرىمىنى %2.9 ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

«بىر قىسىم دۆلەتلەر يەر شارىۋىلىشىش، كۆپ تەرەپچىللىكتىن گۇمانلىنىۋاتقان، ھەتتا بىر قىسىم سودا قورۇقچىلىق سىياسىتىنى قوللىنىشقا باشلىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش دەل بىزنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەركىن سودىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.» ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرانىڭ بەرگەن بۇ سەمىمىي باھاسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان نۇرغۇن دۆلەتتىكى خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

قەلبىگە دۇنيانى پۈكۈش

«يەر شارى» ناملىق كېمىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قاراپ يۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇندى

3- ئايدىكى فىرانسىيە پارىژ، باھاردا ھاۋا ئىللىپ، جاھان گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى، ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى قارا بۇلۇت قاپلىغانىدى.

«ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇنياغا مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن، ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، قاراپ تۇرغۇچىلاردىن بولماي، ئورتاق تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك.» 3- ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ چاقىرىق ناھايىتى كۈچلۈك بولدى.

يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ رېتسېپ يېزىش. دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك رولى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇردى.

كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولۇش −

«ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش» «ئۆزئارا كېڭىشىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچ قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش» «جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش» «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش»؛

«ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىش» «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى ھەل قىلىش» «ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش»؛

......

جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىدىن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنىغىچە، 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغىچە، يەنە بىر قاتار «كىچىك كۆپ تەرەپلىك»، ئىككى تەرەپ پائالىيەتلەرگىچە... دۆلەت سىرتىدا، دۆلەت ئىچىدە، مېھمان مەيداندا، ساھىبخانا مەيداندا، رەئىس شى جىنپىڭ تۈرلۈك خەلقئارالىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشقا قارىتا جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشلىرىنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولدى.

چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشتىن ئىران يادرو مەسىلىسىگە دائىر ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى قوغداشقىچە، يەنە ئافغانىستان، سۇرىيە، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە قاتارلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشقىچە... جۇڭگو باشتىن - ئاخىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەخلاق مىزانى تەرەپتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان «ھەرىكەت قىلغۇچىلار»دىن بولدى.

باش كاتىپ گۇتېررېس جۇڭگو خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتىكى تۆۋرۈككە ئايلاندى، دەپ قارىدى. 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۇ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى تېگىشلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىككە ئەمەل قىلىشنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

يىراق كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇش −

4- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئۈچ مەيدان ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى، ئېتىبار بېرىش نۇقتىسى گەرچە تولۇق ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ھەممىسىدە دىققەت ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەقدىرى، ئورتاق كەلگۈسىگە مەركەزلەشتى:

«تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەر شارىۋى قىممەت زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى ھەم ئۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش»؛

«گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانلار بىرى گۈللەنسە ھەممىسى گۈللىنىدىغان، بىرى خارابلاشسا ھەممىسى خارابلىشىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»؛

«ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم تاشلاش ھەم ئىقتىسادىي پەن - تېخنىكا كۈچىگە موھتاج، ھەم مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك كۈچىگە موھتاج»؛

......

2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدە، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.

4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو كامبودژا ۋە لائۇس بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالاپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئارزۇ پىلانىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا قويۇق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان يەنە بىر جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىگە ئايلاندى.

خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىپ، تېخىمۇ بىپايان پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ماڭماقتا!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان