7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى يىغىش ۋە مەشئەل يەتكۈزۈشنى باشلاش مۇراسىمى نەنچاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ مىڭ، لى يۈن) 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى يىغىش ۋە مەشئەل يەتكۈزۈشنى باشلاش مۇراسىمى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەشئەل يەتكۈزۈش دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم تەشۋىقات ۋە كېڭەيتىش پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېيىنكى قەدەمدە ئاساسلىقى ھەربىي لاگېر ۋە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شەھەر ۋۇخەندە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ نامى «تىنچلىق شان - شەرەپ نۇرى» بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 700 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 780 گىرام كېلىدۇ، بىر پۈتۈن تاشقى كۆرۈنۈشى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە، چوققا قىسمى ئۆزئارا يېقىن تۇرغان ئۈچ ئوت يالقۇنىدىن شەكىللەنگەن. بۇ قېتىمقى مەشئەل يەتكۈزۈش باش تېمىسى «دوستلۇقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىش»، شوئارى «ھەربىيلەرنىڭ شان - شەرىپىنى يارىتىش، دۇنيا تىنچلىقىنى بەرپا قىلىش». تەشكىلىي ھەيئەت مەشئەل يەتكۈزۈشنى پىلانلاپ تەشكىللەپ، مۇسابىقىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ يىلنىڭ چوڭ تەبرىكلەش يىلى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى بولۇشتەك ئالاھىدە تەلەپكە قارىتا، ئەڭ زور چەكتە قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىگە تەسىر كۆرسەتمەي، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەي، لايىھەنى قايتا - قايتا تەتقىق قىلىپ ئەلالاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سالماق ۋە ئاددىي - ساددا شەكىلدە، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كىچىك پائالىيەت مەيدانىدىن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسقا پائالىيەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، يېشىل، تېجەشلىك بولغان مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە باشلاش بېكىتىلدى، شۇ ۋاقىتتا 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 10 مىڭغا يېقىن ھەربىي بۇ كاتتا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تەسىس قىلىنغان تۈرلەردە ھەربىي ئىشلار بەش تۈرى، دېڭىز ئارمىيەسى بەش تۈرى، ھاۋا ئارمىيەسى بەش تۈرى، پاراشۇت بىلەن سەكرەش قاتارلىق خاس ھەربىي ئىشلار تۈرلىرى بار بولۇپلا قالماي، يەنە پۇتبول، ۋاسكېتبول، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىمۇ بار. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى گولف توپتىن باشقا بارلىق 26 چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ھازىر ھەرقايسى تەنھەرىكەت كوماندىلىرى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقى قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4